باش بەت

نۇسرەتگۈل

6597يوللانما
60مەستانە

يەر شارى تورىنىڭ بىر ھەپتىلىك نادىر سۈرەتلىك خەۋەرلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 17:45 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 11-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-سېنتەبىر، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتى مىيامى شەھىرى، قارا بوران «ئېرما» يېتىپ كېلىش ئالدىدا شۇ جايدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ھايۋاناتلىرى پاناھلىنىش ئورنىغا يۆتكەلدى. ئىگىلىنىشىچە، كارب دېڭىزى رايونىغا ھۇجۇم قىلغان قارا بوران «ئېرما» ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قاراپ يۆتكەلگەن بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىر ئەتىگەندە قۇرۇقلۇققا چىقىشى پەرەز قىلىنغان.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 8-سېنتەبىر، مېكسىكا، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى يېقىن دېڭىز رايونىدا 8 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ دائىرىسى كەڭ، تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، مېكسىكا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. مېكسىكا ھۆكۈمىتنىڭ بىر باياناتچىسى بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن 58 ئادەم قازا قىلغانلىقى، ئاپەت ئېغىر بولغان ئۈچ ئىشتاتتىكى قازا قىلغانلار سانىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىىنى بىلدۈردى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 8-سېنتەبىر، رۇسىيەنىڭ پېرم شەھىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن پېرم شەھىرىدىكى تېلېگراف پاي كونترول شىركىتى ER Telecomنى زىيارەت قىلدى ھەمدە IT ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەر كۆرۈشتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2019-يىلى 9-سېنتەبىر، ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرى، مادرىد ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى چىشى مۈشۈكئېيىق چۇلىنا تۇنجى قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 8-سېنتەبىر، ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتى، ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس تانكا ھەيدەپ باقماقچى بولغاندا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى، قىزىقارلىق چىراي ئىپادىسى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.


شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 6-سېنتەبىر، پاكىستاننىڭ ھەيدەرئاباد شەھىرىدە دۆلەت مۇداپىيە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

2017-يىلى 6-سېنتەبىر خەۋەر قىلىنىشىچە، سۈرەتتىكى بۇ تيۇلىن فوتو ئاپپاراتنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن. 6-سېنتەبىر 44 ياشلىق كارولىن (Caroline Robertson-Brown) ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ ئەنگىلىيەنىڭ فارن تاقىم ئارىلىدا دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ، تيۇلىنلارنىڭ سۈرىتىنى تارتتى. بۇ جەرياندا بىر تيۇلىن ئويلىمىغان يەردىن كارولىننىڭ يېنىغا كېلىپ فوتو ئاپپاراتقا غەلىتە نەزەر بىلەن قارىدى، يەنە تېخى ئاپپاراتنى كارولىندىن «ئېلىۋالماقچى» بولدى. بۇ تيۇلىن ئۆمەكتىكىلەر بىلەن تەخمىنەن 15 مىنۇت بىللە تۇرۇپ، ئوماق قىلىقلارنى چىقاردى.

2017-يىلى 4-سېنتەبىر خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتى ئېلدورادو جىلغىسىغا جايلاشقان Bastille Wallدا ھەيران قالارلىق دۇكاندىن بىرى پەيدا بولغان! يەر يۈزى تەخمىنەن 1892 مېتىر كېلىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ دۇكان دۇنيا بويىچە ئەڭ يىراق «چاقنىما دۇكان» دەپ قارالدى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 7-سېنتەبىر، ئىسپانىيەنىڭ بالائېيس تاقىم ئارىلى ماخون (Mahon) شەھىرىدە ئەنئەنىۋىي گىراسىيا (Gracia) بايرىمى تەبرىكلەندى، ئاھالىلەر ئارغىماقنى چۆرىدەپ قانغۇچە كۆڭۈل ئاچتى.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 5-سېنتەبىر، نېپالنىڭ كاتماندو شەھىرىدىكى ئامما ئىندراياترا بايرىمىنى تەبرىكلىدى، «تىرىك ئايال ئىلاھ» كۇمارى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بودەك قىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    2019-يىلدىكى ئىشلارنى ئالدىن قىپتۇ دە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号