باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

تارىختا ئىككى قېتىمدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان تۆت ئالىم

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 19:00 2 ئىنكاس چۈشتى

پولشالىقلار پۇشتىدىن بولغان فىرانسىيەلىك ئايال فىزىكا ئالىمى، خىمىيە ئالىمى كىيۇرى خانىم (Marie Skodowska-Curie، 1867-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1934-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 67 يېشىدا ۋاپات بولغان)، 1931-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا، 1911-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە فىرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Paris) تۇنجى ئايال پىروفېسسورى.

1903-يىلى مارى كىيۇرى، پبررى كىيۇرى ۋە ھېنرى بېكۇرېللار نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇلار بېكۇرېل بىلەن رادىيوئاكتىپلىق ھادىسىسىنى بايقاش ئۈچۈن ئاجايىپ زور تۆھپە قوشقان. 1911-يىلى مارى كىيۇرى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ رادىيوئاتسىيىلىك ئىلمېنىت رادىي ۋە پولونىينى بايقاپ، رادىينى ئايرىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئېلېمېنتلارنىڭ خىمىيەلىك ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ خىمىيەۋى بىرىكمىلىرىنى تەتقىق قىلغان.

ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى جون باردېن (John Bardeen، ئۇ 1908-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 83 يېشىدا ۋاپات بولغان)، 1956- ۋە 1972-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۇ تۇنجى بولۇپ ئوخشاش بىر ساھە ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشى.

1956-يىلى جون باردېن، ۋولتېر براتتون ۋە ۋىليام شوكلېيلار بىرلىكتە شەرەپ بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى : 1947-يىلى باردىن بىلەن براتتون تۇنجى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى كەشىپ قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدا، شوكلېي NP تۈگۈنلۈك كىرىستال لامپىنى كەشىپ قىلغان؛ 1972-يىلى، جون باردېن، لېننون كوپېر، جون ر شېرېففېرلار بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلار 1957-يىلى بىرلىكتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيەسى (يەنى ئادەتتە BCS نەزەرىيەسى دېيىلىدۇ) نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا خىمىيە ئالىمى لىنۇس پاۋلىڭ (Linus Pauling، ئۇ 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1994-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى 93 يېشىدا ۋاپات بولغان)، 1954-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە 1962-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2008-يىلىغىچە بىردىنبىر ئىككى قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئوڭچە ئېرىشكەن ئادەم. 

1954-يىلى لىناس نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئوڭچە ئېرىشتى. ئۇ خىمىيەلىك باغنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلىگەن ھەمدە ئۇنى مۇرەككەپ ماددىنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن. 1962-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغىمۇ ئوڭچە ئېرىشكەن .ئۇ يادرو تەجرىبىسى ئىشلەشكە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە يادرو دىففۇزىيەسى، يادرو قورالى ئىشلىتىشكىمۇ قارشى تۇرغان.

ئەنگلىيەلىك بىيوخىمىيە ئالىمى فىرېدرىك سانگېر (Frederick Sanger، ئۇ 1918-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 95 يېشىدا ۋاپات بولغان)، 1958- ۋە 1980-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بىر ساھەدە ئىككى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككىنچى كىشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ ئىككى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبىنى تەرتىپنى ئۆلچەشكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1958-يىلى فىرېدرىك سانگېر ئېنزىم ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىش ئارقىلىق ئىنسۇلىننىڭ تەرتىپىنى بېكىتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىن مولېكۇلاسىنى بېكىتىپ، ئاقسىل تەرتىپىنى تەكشۈرۈش ساھەسىنى بەرپا قىلغان. 1980-يىلى فىرېدرىك سانگېر بىلەن ۋولتېر گېلبېرت بىرلىكتە نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن DNA تەرتىپىنى ئۆلچەپ بېكىتكەن. سانگېر قانۇنى كېيىن ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالغان ھەمدە ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • zefer1 ھەپتە ئىلگىرى

    يالغۇز ئۆزىلا ئىرىشسە ئۆڭچە ئىرىشكەن بولمامدۇ.
    كۆپ ھاللاردا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ يەككە تۈرى بىرقانچە ئادەمگە بىرىلىدۇ. بولۇپمۇ فىزىكا، خېمىيە دىگەندەك تۈرلىرى.

  • دانىيار1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداق ئىرىشسە ئوڭچە ئىرىشكەن بولىدىغاندۇ ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号