باش بەت

Apple

88يوللانما
7مەستانە

ئورتاق ۋېلسىپىت 100 مىڭ كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، قۇلۇپ ياسىغۇچىلارنىڭ مۇئاشىلا 12 مىڭ يۈەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 23:11 3 ئىنكاس چۈشتى

Cnbeta تورى 12-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئورتاق ۋېلسىپىت ساھەسى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى»دا بايان قىلىشىچە، 2017–يىلى 7-ئايغىچە دۆلىتىمىزدە بازارغا كىرگەن ئومۇمىي ئورتاق ۋېلسىپىت سانى 16 مىلىيونغا، ئىشلەتكۈچلەر سانى 106 مىليونغا يەتكەن. ئېلىمىزىدىكى ئورتاق ۋېلسىپىت ساھەسى 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، قۇلۇپ تەتقىقات ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىمۇ 12 مىڭ يۈەنگە ئۆسكەن. ئورتاق ۋېلسىپىت كارخانىلىرىغا ۋېلسىپىت ياساپ بېرىدىغان كارخانىلاردىكى %80 ئىشچىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

كەلگۈسىدە ئورتاق ۋېلسىپىت مىقدارى 20 مىلىيونغا، ئىشلەتكۈچىلەر 100 مىلىيونغا يېتىدۇ

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2017–يىلى 7-ئايغىچە دۆلىتىمىزدە بازارغا كىرگەن ئومۇمىي ئورتاق ۋېلسىپىت سانى 16 مىليونغا يېتىپ، پۈتكۈل ساھەنىڭ كۈندىلىك زاكاز مىقدارى 50 مىليون ئەتراپىدا بولغان، تەخمىنەن ھەربىر ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ ئىشلىتىش قېتىم سانى كۈنىگە 3 قېتىمدىن توغرا كەلگەن (3.125 قېتىمغا يەتكەن) . 2017-يىلى 6-ئايغىچە ئورتاق ۋېلسىپىت ئىشلەتكۈچىلەر 106 مىلىيونغا يېتىپ، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي تور ئەھلىنىڭ %14.11نى ئىگەللىگەن. بازار مەبلەغىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 22 ئورتاق ۋېلىسىپىت كارخانىسىنىڭ مەبلىغى ھەمبەھىرلىمە ئىقساد ساھەسى ئىچىدىكى ئايلانما مەبلەغنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان، ئەمەلىي مەبلەغ ئومومىي قىممىتى 10 مىليارد 433 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ئورتاق ۋېلسىپىت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان، نۆۋەتتە چوڭ شەھەرلەردىكى ئورتاق ۋېلسىپىت مىقدارى تەدرىجىي مۇقىملىشىپ، كارخانىلارنىڭ بازارغا سېلىش مىقدارى ئازىيىشقا باشلىغان. ئوتتۇرا، كىچىك ئورتاق ۋېلسىپىت كارخانىلىرىنىڭ كېيىنكى نىشانى تۆتىنچى ۋە بەشىنچى دەرىجىدىكى شەھەرلەر (ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر تۆۋەن شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ)گە قاراتقان. كارخانىلار ئارىسىدىكى رىقابەت، دۆلەت سىرتىغا قاراپ كېڭىيش، قايتۇرۇۋېلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پەسىللەرنىڭ مەسىلىلىرى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا 2017-يىلىدىكى ئىشقا كىرىشتۈرۈش سانى 20 مىلىيونغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى بىلەن ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە يېشىل سەپەرگە چىقىش قاتارلىق چاقىرىقلارغا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. دەسلەپكى مۆلچەرلەشتە 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئورتاق ۋېلسىپىتنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى تەخمىنەن 5 مىليارد كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇ سان يەر شارى ئېكۋاتورىنى بويلاپ 235 مىڭ قېتىم ئايلانغا تەڭ؛ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 800 مىڭ توننا ئازايتقان، بۇ سان 1 مىليون 110 مىڭ دانە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى چوڭلىقىدىكى ئورماننىڭ كۈندىلىك سۈمۈرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ.

100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەم ۋېلسىپىت كارخانىلىرىدىكى %80 ئىشچى-خىزمەتچىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا تۈرتكىلىپ رول ئوينىدى

ھەمبەھىر تۈرىدىكى ئىقتىسادىي بازارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق ۋېلسىپىت ئىشقا ئورۇنلىشى مەسىلىسىدە تۆھپىسى كۆرنەرلىك بولدى. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئورتاق ۋېلىسىپىت 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىم يىلىدا تەخمىنەن 70 مىڭ كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ ئېلىمىز شەھەر بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان (717 مىليون كىشى)لار سانىنىڭ %1نى ئىگەللەيدۇ.

ئورتاق ۋېلسىپىت ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن 100 مىڭ كىشىنىڭ خىزمەت ئورنى ئايرىم-ئايرىم سۇپا مۇلازىمەت خادىمى تەخمىنەن 8 مىڭ كىشى؛ ئورتاق ۋېلىسىپىت ئەقلىي قۇلۇپىنى ياساش كارخانىسىدا 10 مىڭ كىشى؛ ۋېلسىپىت قۇراشتۇرغۇچىلار 42 مىڭ 500 كىشى؛ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىدا 5000  كىشى؛ ئاسراش ۋە رېمونت قىلغۇچىلار تەخمىنەن 35 مىڭ كىشى. 

ئورتاق ۋېلىسىپىت كەسپىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى


ئورتاق ۋېلسىپىت زەنجىرسىمان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىلىرى ئايرىم-ئايرىم سۇپا باشقۇرۇش تۈرى، ۋېلىسىپىت زاپچاسلىرى تەتقىقات تۈرى (مەسلەن ئەقلىي قۇلۇپ)، مەھسۇلات ياساش تۈرى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت لىنىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان خىزمەت ئورنىغا قاراپ تەمىناتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇلۇپ تەتقىقات تۈرى ئىچىدە، ئېنژىنېرلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 12 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا؛ مەھسۇلات ياساش تۈرى ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4667 يۈەن، ۋېلىسىپىت ياساش كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 4442 يۈەن؛ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت لىنىيە تۈرى ئىچىدە توشۇغۇچى كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5000 يۈەن، ئاسراش كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى يۈەنگە 3835 يەتكەن.

ئورتاق ۋېلىسىپىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى سەۋىيىسى


ئورتاق ۋېلىسىپىت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشلىشىش ئالاھىدىلىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، 40 ياشتىن تۆۋەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي ساننىڭ % 98نى ئىگەللىگەن. ئىلىم ئەھلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر قەدەر روشەن بولۇپ ، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولغانلار ئومۇمىي ساننىڭ %56.36نى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئورتاق ۋېلىسىپىت كارخانىلىرىنىڭ ئشىقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى يېتەكلىشى ناھايىتى ياخشى بولغان. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئورتاق ۋېلىسىپىتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپنى ياساش كارخانىلىرى %50 ئىش ئورنىنى تەمىنلىگەن. شاڭخەي، شېنجېن، خاڭجۇ، جۇڭشەن قاتارلىق جايلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ ياساش كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، قۇلۇپ ياساش لىنىيەسىدىكى خىزمەتچىلەر ئومومىي ساننىڭ %52.04 نى ئىگەللىگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ياش پەرقى 20دىن 45 ياش ئارىسىدا ئىكەن.

ئورتاق ۋېلسىپىت ۋېلسپىت ياساش كارخانىسىدىكى %80 ئىش ئورنىنى كۆپەيتكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن، ئورتاق ۋېلىسىپىت كەڭ كۆلەملىك تارقىلىىپ ئىشلىتىلىشى ئەنئەنىۋى ۋېلىسىپىت ياساش كەسپىنى قايتىدىن ھاياتى كۈچگە ئىگە قىلدى، مەسلەن سۇمرۇغ، كەپتەر قاتارلىق كونا ۋېلسىپىت ياساش كارخانىلىرى قايتىدىن جانلاندى. بۇ كارخانىلارنىڭ گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، جىېجىياڭ، خۇبېي، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى خىزمەتچىلىرى 20 مىڭغا يەتكەن، ئارىسىدا ئورتاق ۋېلىسىپىت ياساش مۇلازىمىتىنىڭ ئىش ئورنى سانى ئومۇمىي ساننىڭ %80 كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن.

ئورتاق ۋېلسىپىت كەسىپىگە يېڭىدىن قوشۇلغان سېتىشتىن كېيىنكى ئاسراش تۈرى ئۆزىنىڭ تەمىنلىگەن ئىش ئورنى 30 مىڭدىن ئاشقان. بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، نەننىڭ، كۇنمىڭ، يىنچۈەن قاتارلىق 11 شەھەردىكى 20 دىن ئارتۇق ئەمگەك مۇلازىمىتى شىركىتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشتە نۆۋەتتىكى ئورتاق ۋېلىسىپىت سېتىشتىن كېيىنكى باشقۇرۇشتا، «ۋېلسىپىت توختىتىش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش» ۋە «رېمونت قىلىش»، «يېڭى ئىش تۈرى» قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلەر تەخمىنەن 35 مىڭ كىشى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە قاتناش ۋاستىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خادىملىرى %80 ئەتراپىدا، رېمونت ۋە ئاسراش خادىملىرى %20 ئۆپچۆرىسىنى ئىگەللىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەردار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋېلىسپىت ياخشى قاتناش ھازىر مىندىغانلار ئازاپكەتتى

  • ئاخساجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    خوتەنگە قاچانمۇ كىلە؟

  • ئەلتەبىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ بەك ياخشىكەن بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号