باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

پاكىستاندا كىچىك مىنىبۇس بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇشۇپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 19:14 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر كىچىك مىنىبۇس بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلغاندىن كېيىن ماي باكى ئوت ئېلىپ كەتتى. نەتىجىدە مىنىبۇس كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، ئاز دېگەندە 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەم قازا قىلدى، 3 ئادەم ئېغىر يارىلاندى، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى؛ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىنىبۇس شوپۇرىنىڭ چارچاپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى، يۈرۈش جەريانىدا ئۇخلاپ قالغانلىقتىن مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. پاكىستان سىتاستىكا ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە ھەر يىلى 9000غا يېقىن قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 4500 ئادەم قازا قىلىدىكەن. يول ناچار، ماشىنىلارنىڭ نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش قىلمىشى ئېغىر، شوپۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەش قىلمىشى كۆپ بولغانلىقتىن پاكىستاندا مۇشۇنداق ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号