باش بەت

zefer

613يوللانما
35مەستانە

سۈنئىي ئىدراك 10 يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 22:24 4 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىياتى مائارىپ ساھەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. ئەنگلىيە بۇككىنخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شېلتوننىڭ بىلدۈرىشىچە، سۈنئىي ئىدراك 10 يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. 

شېلتوننىڭ دېيىشىچە، ۋاقتى كەلگەندە ئوقۇتقۇچىلار پەقەت سىنىپتىكى ئەسۋابلار ۋە دەرسخانا تەرتىپىنى ساقلاشقىلا مەسئۇل بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالىدىكەن.

شېلتون مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئىدراك مائارىپ تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ، ئېتون مەكتىپى قاتارلىق داڭلىق بىلىم يۇرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنىمۇ سۈنئىي ئىدراك ئالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پەقەت يۇمشاق دېتال ئارقىلىقلا ھەممە ئادەم ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ خۇسۇسىيلاشقان ئوقۇتقۇچىغا ئىگە بولالايدۇ، يۇمشاق دېتالمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتى ئۆستۈرەلەيدۇ.

شېلتون ئەنگلىيە پەن-تېخنىكا بايرىمىدا كەلگۈسى مائارىپنىڭ ئىستىقبالىنى شەرھىيلەپ مۇنداق دېدى: ئىنسانلار ئىلگىرى ھاياتلىق ماھارىتى ئۆگىنىش، بىلىمنى ھەمبەھرىلەش ۋە مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىش قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتىنى باشتىن كەچۈرگەن، تۆتىنچى قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردىمىدە بالىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش سۈرئىتىنى ئىگىلەشتۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۈمىد تۇمشۇقى1 ئاي ئىلگىرى

    مۇمكىن بىراق خاككىرلادىن قوقمىسا ئىشلىتىۋەرسۇن
    خاككىرلا پىروگىراممىسىنى ئۆزگەرتىۋەتسە ئىشنىڭ قىززىقى چىقار

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    كەپسىز بالىلار بۇ مۇئەللىمنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈز ۋېتىپ سىنىپنى بېشىغا كىيىپ ئوينىسىمۇ بولغۇدەك ھاھاھاھاھاھاھاھاھا

  • بايۋەتچە قومۇل2 ئاي ئىلگىرى

    ئىشەنمەيمەن قەتئىي. . . .

  • نۇرداش2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋزۇنى ئوقۇپلا ئوقۇغۇم كەلمىدى بىر كۇن دەيدىكەن ماشىنا ئادەملەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ ئەمدى بولسا ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号