باش بەت

ئوغلان0996

2933يوللانما
12مەستانە

كەيپىيات ئەخلىتىڭىزنى ئۆزىڭىز تازىلاڭ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 20:03 5 ئىنكاس چۈشتى

ھازىرقى كەسكىن جەمىيەتتە، مۇبادا سىز دائىم ھارغىنلىق ئىچىدە جاپالىق ياشاۋاتىمەن دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بۇنىڭ تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز لازىم.

«ئۆز بەختىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ» بۇ بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بىر جۈملە سۆز، شۇنداق، ئىنچىكە ئويلاپ، ئۆز بەختىمىزنى ساناپ باقىدىغان بولساق، ئېھتىمال نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يەنىلا ياخشى كېتىپ بارغانلىقىنى، پەقەت ئازغىنا ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ناۋادا بىز خۇشال بولىمىز دەيدىكەنمىز، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئويلىشىمىز، ئازغىنە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان ئىشلارغا پەرۋا قىلماسلىقىمىز لازىم.

ئەمەلىيەتتە، ئازغىنە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۆزىڭىز ئويلاپ تېپىۋالغان. مۇبادا قەلبىڭىزدىكى كىچىككىنە چەكلىمىنى بۆسۈپ تاشلاپ، يامان مىجەزىڭىز بىلەن خوشلاشسىڭىز، قەلبىڭىزگە ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، قەلبىڭىزنى مەقسەتلىك بوشاتسىڭىز، نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز.

تەقدىرىمىز روھىي ھالىتىمىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دائىم خۇشال ئىشلارنى ئويلىساق خۇشال بولالايمىز، دائىم قايغۇلۇق ئىشلارنى ئويلىساق، ئۇنداقتا مەيۈسلىنىمىز، دائىم ئۈمىدسىزلەنسەك، ئۇنداقتا بىزگە ئۈمىدسىزلىك يار بولىدۇ، ئەگەر مەغلۇبىيەتنى ئويلىساق، ئۇنداقتا بىز چۇقۇم مەغلۇپ بولىمىز.

بىز ئۆمرىمىزدە ئىنتايىن نۇرغۇن ئىشلارغا يولۇقىمىز، كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن ھامان ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتەيلى، چۈنكى ئۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق رېئال ياردىمى بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى خۇشال كەيپىياتتا كۈلگۈسىگە يۈزلىنەيلى!

باش سۈرەت تاللاش x
  • 186******611 ھەپتە ئىلگىرى

    تاللاش بەك مۇھىم. تىرىشتىمۇ بەك تاللاش بەك مۇھىم.

  • لالە1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇر تورى تەھرىرىگە رەھمەت ،ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭلار

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى تىمىكەن ،بىراق دىمەك ئاسان،قىلماق تەس ،بەزىدە كەيپىيات ناچار بولۇپ قالسا ھەرقانچە قىزىقارلىق ئىتۇت كۆرسىڭىزمۇ كۈلەلمەيدىكەنسىز،مەن سىناپ باققان .

  • زۇلپىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ماڭا بۇ مەزمۇن بەكلا ياقتى داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەر يوللانسا

  • كۆڭلۈم1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەكمۇ ياخشى تىمىكەن ،تەھرىر گە رەھمەت ،مۇشۇنداق ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك مەزمۇنلار تىخىمۇ كۆپ يوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号