باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ياخشىلاپ، ئۆت كېسەللىكىنڭ ئالدىنى ئالايلى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 20:07 3 ئىنكاس چۈشتى

تۇرسۇنئاي ئەمەت

ئۆت كېسەللىكلىرى ئادەتتە پەسىل ئالماشقان مەزگىلدە، ھېيت بايرام ۋە ئارام ئېلىش مەزگىلىدە كۆپرەك قوزغىلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا كىشىلەر تۇغقان يوقلاش، يىغىلىشلارغا قاتنىشىش، سەيلى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن، نورمال تۇرمۇش رىتىمى ۋە غىزالىنىش قانۇنىيەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ، شۇڭا چارچاش، تويۇنۇپ غىزالىنىش، روھى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئورگانىزىمنىڭ بىر قاتار بىئاراملىق ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ ، يەنە ئاداشقان نېرۋىلار روھلىنىپ كېتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تېز سۈرئەتتە سىرتقا چىقىرىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆت خالتىسىنىڭ قۇرۇقلىنىپ قېلىشى ئۇنىڭ جىددىي قىسقىرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغلىنىش، ئۆت نەيچىلىرى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر بىمارنىڭ ئۆتىدە تاش بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆت خالتىدىكى تاش تەۋرىنىپ ئۆتىنىڭ ئېچىلىش ئېغىزىنى توسۇۋېلىپ ، ئۆتنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۆت خالتىسى دىۋارىدا سۇلۇق ئىششىق، قان يېتىشمەسلىك، نىكروزلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، ئۆت خالتىسى جىددىي قىسقىراپ ، ئۆت خالتىسىدىكى كىچىك تاشلار ئۆت غول نەيچىسىگە كىرىپ قېلىپ، ئۆت نەيچىلىرى توسۇلۇپ قېلىش، ئۆت مەنبەلىك ئۇيقۇلۇق بېزى ياللۇغلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا سىرتتا يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ياكى تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇش قوشۇلسا ، ئۆت نەيچىلىرىنىڭ باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئىچىدە قالىدۇ.

يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشتا، ھەر دائىم قانۇنىيەتلىك غىزالىنىشنى، ئاز ئازدىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىشنى، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىشنى، يېمەكلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇمكىنقەدەر ئۆيدە غىزالىنىشنى، ياغدا پىشۇرۇلغان تەييار تاماقلارنى كۆپ يېمەسلىكنى، كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشنى، زۆرۈر تېپىلغاندا دورا بىلەن تەڭ ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بىز ئادەتتە دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقان ئۆت كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىلار ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئۆت تۇزى ۋە لېتىستىن بىلەن خولېستېرىننىڭ نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا ئوبدان رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ساپ جوڭگۇ تېبابىتى دورىلارنىڭ ئورگانىزمغا كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك ياكى ناچار تەسىرلىرى ئاز بولغانلىقتىن ، ئۇزۇن مۇددەت خەتەرسىز ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بۇ خىل دورىلارنىڭ ھەر خىل ئۆت كېسەللىكلەرنىڭ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدىن


باش سۈرەت تاللاش x
  • چالقۇشى2 ئاي ئىلگىرى

    يالپۇز سوغوقتۇ مەن بەك سوغوق مىجەز بىر چاغدا لىمون دەملەپ ئىچىپ ئۈچ كۈن تاس قالغان يېتىپ قالغىلى رەھمەت لىكىن دوستۇم يەنە باشقا رىستىپلار بارمىدۇ

  • مەيىن شامال2 ئاي ئىلگىرى

    ئۆتياللۇغىغا يالپۇز دەملەپ ئېچېپ بىرىڭ

  • چالقۇشى2 ئاي ئىلگىرى

    مەندە ئۆت ياللۇقى بارتى قانداق دورا قىلسام بۇلار ئەتىگىنى چىشىمنى چوتكىلىغاندا ھۆ يېنىپ ياندۇرۇپ كىتىمە بەزى كۈنلىرى ئۈنۈملۈك دورىسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号