باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

تېسلا باتارىيەنىڭ قۇلۇپىنى ۋاقىتلىق «ئېچىپ»، فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئادەمنىڭ خەتەردىن قېچىپ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 22:42 1 ئىنكاس چۈشتى

engadget تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا بۇرۇن ماشىنا ساتقان ۋاقىتتا يېڭىچە بىر ئۇسۇلنى قوللانغان، گەرچە مەيلى 60kWhلىق نۇسخىدىكى ياكى 75kWhلىق نۇسخىدىكى Model S ۋە Model X بولسۇن ئىككىلىسىگە 75kWhلىق باتارېيە سەپلەنگەن، ئەمما 60kWhلىق نۇسخىسىنىڭ قىسمەن سىغىمى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق «قۇلۇپلاپ» قويۇلغان بولۇپ، ئەگەر ماشىنا ئىگىلىرى 60kWhلىق سىغىم يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارىسا، نەچچە مىڭ دوللارنى ئارتۇق خەجلەپ، قۇلۇپنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن ماشىنىسى 75kWhلىققا ئۆزگىرەتتى. 

فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بۇ قېتىملىق Irma ناملىق ئۇراگان بورىنى بىر تەرەپتىن كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «خارۋېي» ناملىق بوران خيۇستوننى يۇتۇپ كېتىپ، يەر يۈزى پەس جايلاردىكى كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن چېكىنىپ چىقىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئادەتتىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇ قالايمىقانچىلىقتا گەرچە بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارغا ماي قاچىلاشمۇ قىيىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتلىرى كۆپ بولغاچقا ئېھتىياجنى قامدىيالىدى، ئەمما توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى قىسقا، توك قاچىلاش پونكىتلىرى ئاز بولغاچقا، ئاۋارىچىلىق تۇغۇلدى.

تېسلا Irma يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن بىر 60kWhلىق ماشىنا ئىگىسىنىڭ تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ئادەم قېچىپ بارىدىغان ئورۇنغا پەقەت 40 كىلومېتىر قالغانلىقىنى، ئەمما ماشىنىنىڭ توكى تۈگەي دەپ قالغانلىقىنى، تېسلانىڭ ۋاقتىنچە قۇلۇپلانغان 15kWh (تەخمىنەن 50~65 كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ) سىغىمنى ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېسلا ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇلۇپنى ئېچىپ بېرىپلا قالماي، بۇ مۇلازىمەتنى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بارلىق تېسلا ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە تەمىنلەپ بېرىشنى قارار قىلدى. 

گەرچە بۇ ۋاقىتلىق تەدبىر بولسىمۇ، ئەمما زاۋۇتلارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلىتىدىغان چارىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. قانداق ئەھۋالدا زاۋۇت ئالاھىدە مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىشى كېرەك؟ ھۆكۈمەت خەتەرلىك پەيتتە زاۋۇتلاردىن تەڭشەش ئارقىلىق ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلالامدۇ؟ نۆۋەتتە تېسلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بۇ خىل قۇلۇپ ئاچقىلى بولىدىغان مەھسۇلات يوق، شۇڭا ئارتۇقچە ئويلانمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما باشقا زاۋۇتلار يۇمشاق دېتال ئارقىلىق چەكلىمە پەيدا قىلماقچى بولسا، بەلكىم بىر يۈرۈش رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىشى زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • _aRMaN_1 ئاي ئىلگىرى

    بۇمۇ ياخشى چارىكەن ۋاقتى كەلگەندە جانغا ئەسقاتىدىغان، نىمىلا بولمىسۇن پەن تېخنىكا قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىكى مۇھىم كۈچ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号