باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يېمەك ئىچمىكىدىكى پەرھىزلەر

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 22:05 0 ئىنكاس چۈشتى

جوڭگۇ تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاشقازان كېسىلى ئادەتتە ئىمتىلائىي ۋە زەئىپلىشىش كېسەل ئالامەتلىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئىمتىلائىي كېسەل ئالامەتلىك بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەلپازى جىددىيرەك، ئەھۋالى ئېغىرراق، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى داۋالىغاندىن كېيىن ياخشىراق بولىدۇ، ئاسان تەكرارلانمايدۇ. زەئىپلىشىش كېسەل ئالامەتلىك بىمارلارنىڭ كېسىلى ئۇزۇنراق، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولىدۇ، لېكىن ئاسان تەكرارلىنىدۇ ھەم ئاسان ساقايمايدۇ، كلىنىكىدا «كونا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى»نىڭ كۆپىنچىسى شۇنىڭغا كىرىدۇ، ئىمتىلائىي كېسەل ئالامەتلىك ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىۇ ئاشقازىنى ئادەتتە بەك قاتتىق ئاغرىمايدۇ، ئاساسلىقى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ياكى كەچتە ئاغرىيدۇ ، غىزالانسا ياكى ئىچىملىك ئىچسە يېنىكلەيدۇ، خام ۋە سوغۇق نەرسىلەر ئاشقازاننىڭ ئاغرىقىنى قايتا قوزغايدۇ ياكى ئاسان ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا يېمەك ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

سۈت:

سۈت ئاقسىل مول ھەم تۆۋەن ئىشقارلىق، سۈت ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىغا يېقىپلا قالماي ، ئاشقازاننىڭ شەلۋەرىگەن يارا يۈزىدە بىر قەۋەت قوغدىغۇچى پەردە ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن سۈتنىلا يالغۇز ئىچسە رولى چوڭ بولمايدۇ، ئۇ بولكا، پېچىنە پىرەنىك، ھورنان، سودالىق پىرەنىك قاتارلىق كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېسە، يېمەكلىكنىڭ چىقىرلىپ كېتىش ۋاقتىنى ئاستىلىتىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

تاتلىق يېمەكلىك:

ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشنى ئاساسلىقى ئاشقازان كىسلاتاسى پەيدا قىلىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئېچىش ئارقىلىق كىسلاتالىشىپ، ئاشقازان  ئىچىدىكى كىسلاتانى كۆپەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى بولۇپمۇ ئاشقازان كېسىلىنى ئاساس قىلغان بىمارلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

مېۋە:چېۋە:

 ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مېۋە چىۋىنى دائىم يېيىش بەك تەكىتلەنمەيدۇ، مېۋە چىۋىنى چەكلەشكە ئاساسلىقى ئاشقازان كىسلاتاسى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنىدۇ، چۈنكى تاتلىق نەرسىلەر كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، كىسلاتالىق نەرسىلەر ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغى مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئاساس قىلغان (كىسلاتا يېنىش، ئاشقازان ئاغرىشتا ئىپادىلىنىدۇ) ئادەملەر مېۋە چېۋىنى يەنىلا ئاز يېگىنى ياخشى. بۇنىڭدىن سىرت ، مېۋە چېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سوغۇققا مايىل بولىدۇ، ھالبۇكى سوزۇلما ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن سۈپىتى كۆپىنچە ئاجىز بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مېۋە چىۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇماچ،تالقان، ئون:

ئۇماچتەك يۇمشاق، ھەزىملىك يېمەكلىك بولمىسا كېرەك، بىراق ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى دەل ساپ ئۇماچ ئىچسە بىئارام بولىدۇ، ھەتتا كىسلاتا يانىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كراخمال ماددىسى ئاسان ئېچىپ ، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس ئادەملەر ئۇماچقا ئازراق گۆش تۈرىدىكىلەر ياكى ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى قوشۇۋەتسە كىسلاتا يېنىش ئەھۋالىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

ئەمىلىيەتتە ئۇماچلا ئەمەس، بەلكى گۈرۈچ بىلەن ئەتكەن گۈرۈچ ئۇن، جىرىس تاماقلىرى ھەممىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىدۇ، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، لېكىن ئۇن يېمەكلىكلەر سەل ئىشقارلىققا مايىل بولۇپ، ئۇماچ، سۈتكە قارىغاندا چىقىرىلىپ كېتىش ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، كىسلاتا يانمايدۇ، شۇڭلاشقا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号