باش بەت

durdana

799يوللانما
19مەستانە

داڭلىق ئويۇنچۇق شىركىتى لېگونى پاتقاقتىن ئېلىپ چىققان 11 ياشلىق بالا

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 22:34 1 ئىنكاس چۈشتى

بالىسى بار ئاتا-ئانىلار لېگونىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ، بەلكىم بالىلىرى بىلەن بىللە ئويناشقىمۇ ھېرىسمەندۇ.

لېگو (LEGO) شىركىتى دۇنيادىكى داڭلىق ئويۇنچۇق ياساش شىركىتى، دانىيەنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتى، لېكىن مۇشۇنداق دۇنياغا داڭلىق ئويۇنچۇق شىركىتى 2003-يىلى سېتىپ چىقىرىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ تۈگىشەي دەپ قالغان.

سېتىلىشى ياخشى بولمىغاچقا، لېگو شىركىتى ھەممە جايدىن تەجرىبە يىغماقچى بولغان. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا، لېگو تەكشۈرۈش ئەترىتى گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇراھال شەھرىدە تەكشۈرۈش قىلغاندا 11 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچراتقان. بۇ بالا لېگونىڭ ئەسەبىي مەستانىسى بولۇپ، لېگو شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئويۇنچۇقلارنى بەكمۇ ياقتۇرىدىكەن. لېكىن ئەڭ ياقتۇرىدىغان نەرسىسى توغرىلىق سورالغاندا بۇ بالا كونىراپ كەتكەن ئادىداس تەنھەرىكەت ئايىغىنى كۆرسەتكەن.

بالىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاياغنى ئۇ تېيىلىش تاختىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنچى بولغاندا مۇكاپات قىلىپ بەرگەن ئىكەن، بۇ ئاياغ ئۇنىڭ شەھەردىكى ئەڭ قالتىس تېيىلىش تاختىسى تېيىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن. بالىنىڭ كۆزىدە بۇ «ئولجا» ئۇنىڭ پەخرى، شەرىپى ئىكەن.

لېگو تەكشۈرۈش ئەترىتى دەرھال شۇنى ھېس قىلدىكى، بالىلار ئوخشاش ياشتىكىلىرى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولسا چوقۇم ئادەتتىكى كىشىلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك ئىقتىدارى بولۇشى كېرەككەن.

چۈنكى ھېلىقى تەنھەرىكەت ئايىغى مەيلى پۇلى ئەرزان بولسۇن ياكى كونىراپ كەتكەن بولسۇن، كىچىك بالىنىڭ نەزىرىدە ئاياغ ئۇنىڭ تېيىلىش تاختىسى ماھارىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ شاھىدى. لېگو ئويۇنچۇقلىرى مەيلى قانچىلىك قىزىقارلىق بولسۇن، ئۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھالقىيالىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ ئارقىلىق شەرەپ ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن، لېگو مەھسۇلات تەتقىق قىلىش جەريانىدا بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بەردى، پەقەت ۋاقتلىق ئويناپ خۇشاللىق تاپىدىغان قىلمىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ لېگو ھەجىمنى ئۆلچەمنى قايتا بېكىتكەندىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئۇششاق پارچىلارنى قوشتى. تېخىمۇ مۇھىمى، لېگو ئويۇنچۇقلارغا «قىزىقارلىق» ئېلېمېنتتىن باشقا يەنە، ئويۇنچۇققا قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە رىقابەت دەرىجىسىنى قوشتى، بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم بالىلار ئۆزىنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ماھارىتى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇيغۇسىغا ئېرىشتى.

لېگو ئويۇنچۇقلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىلىغانچە ئويۇننىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئوينىيالايدىغان بالىلار تېخىمۇ ئازلايدۇ، تاماملىيالىغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئادەتتىكى بالىلاردىن ئالاھىدە ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. ئەگەر مەمەت قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى قۇراشتۇرۇش ئويۇنىنى تاماملاپ ياسىيالىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەمەت، سەمەت دېگەندەك دوستلىرى بۇنى تاماملىيالماي مەغلۇب بولغان بولسا، مەمەتنىڭ قۇراشتۇرۇش ئويۇنىغا ئەڭ ئۇستا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئويۇنچۇقنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىدۇ.

تىجارەتنى ياخشى قىلاي دېگەن كارخانىچى ياكى سودىگەر ئادىمىيلىكنى چۈشنىشى كېرەك. لېگو كىچىك بالىنىڭ ئايىغىدىن ئىلھام ئېلىپ، بالىلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان ئويۇنچۇقنى لايىھەلىگەن، ئويۇنچۇق سېتىپ چىقىرالمىغاندا ئۇلارنى قۇتقۇزغىنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى ھەممە ئادەمدە بولىدىغان ماختانچاقلىقنىڭ ئىپادىسىنى چۈشەنگەنلىكى بولغان.

كىشىلەر ئادەم تەبئىتىدە 7 تۈرلۈك سەلبىي نەرسە بار دەيدۇ: تەكەببۇرلۇق، كۆرەلمەسلىك، غەزەپلىنىش، ھورۇنلۇق، ئاچكۆزلۈك، ياۋۇزلۇق، ئىشقىۋازلىق. سودا ھەركىتىدە مەيلى يۇقىرقى قايسى تەرەپتىن پايدىلانسۇن، توغرا پايدىلانىسىلا كۆپ پۇلغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ماركا ۋە بازار ھەمدە ئېلان بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلار بۇ تەرىپىنى بەكرەك چۈشنىۋېلىشى زۆرۈر.

باش سۈرەت تاللاش x
  • RONLDO1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ بەك ئەقىللىق ئادەملەر ئىكەن بۇ ھەممە ئىشتا كاللا ئىشلىتىپ تۇرۇش لازىم.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号