باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

روھىي كېسەل دادىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرلىگەن قىز كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 22:08 43 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9-ئاينىڭ 11-كۈنى تايلاندلىق بىر قىز دادىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ھەمبەھرلىدى. بۇ قىز تايلاندنىڭ پىتسانۇلوك ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، دادىسىنىڭ روھىي كېسىلى بار ئىدى. بىراق، بۇ قىز ناھايىتى ۋاپادار بولغانلىقتىن دادىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىكار بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىدا دادىسى بىلەن چۈشكەن ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنى تورغا يوللايدۇ، روھىي كېسەل دادىسىدىن نومۇس قىلىدىغان ئىش قىلمايدۇ.

بۇ ئۇسۇل نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، تورداشلار ئۇنى ۋاپاداركەن دەپ ماختىدى. بۇ قىز كۆپچىلىكنىڭ ماختاشلىرىغا: «گەرچە دادام ئىش-ھەرىكەتلىرىنى باشقۇرالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئادەم. مەن ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىمەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

بىراق، بەزى تورداشلار ئۇنى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلماقچى بولغان، سۈرەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى دادىسىغا پاكىزە كىيىملەرنى كىيدۈرمىگەن دەپ ئەيىبلىدى. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • قادىخان6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن چىرايلىق قىزكەن ئۇنۇڭ ئۇستىگە ۋاپاداركەن

  • مەرۋايىتجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    مېنىڭچە بۇ قىزنى ئاق-كۆك دېگەنلەر قىزنىڭ دادىسى بىلەن كېسەلداش بولۇشى مۇمكىن، ۋاپادار قىزكەن.

  • 135******911 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ما قىزغا رەسمى قايىل بولدم ،ئۈزىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپتۇ ئۇبۇ دىگەنلە روھى كىسەلنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانلا بولسا كىرەك ،مىنىڭ دادامغىمۇ تۆت يىل بولدى مۇشۇ كىسەل سەۋەبىدىن چاچ-ساقاللىرى نى ئالدۇرۇپ قىلىشقا ئۇنىمايدۇ باشلىرى قىچىشىپ بىئارام بولمىغىنچە كىيىمنىمۇ بەك تەستە ئالماشتۇرىدۇ بىر كۈندە بىر ئاي كىيگەندەك بۇپكىتىدۇ ،ياخشى يىگۈزەي -ياخشى كەيگۈزەي دىگەنگە ئۇنىمايدۇ بىچارە دادام ئائىلىمىزنىڭ بەختىگە ئورتاق بۇلالماي قالدى....

  • ئەزىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىز بولسا مۇشۇنداق بولغىلۇق يىڭى كيىم بولسىمۇ بىركۈندە كۆگۈسز قىلۋىتىدۇ ئۇقىزمۇ چىراي جەھەتتە نورمالكەنغۇ دادىسىغا ئوخشايدئكەن يەنە قانچىلىغان ئادەملىرىمىز شۇنداق قىلالايدۇ بەلكىم نۇمۇس قىلا بىراق ۋاپاداركەن

  • 132******561 ھەپتە ئىلگىرى

    بارىكاللا بۇقىزغا كىم شۇنداق دادىسى بىلەن رەسىگە چۈشەلەيدۇ ھىچكىم چۈشەلمەيدۇ ھەتتاكى مەن مۇ چۈشەليمەن دىيەلمەيمەن شۇقىزغا ھەدەدىن ھەساپسىز بىلەت تاشلىدىم

  • دوختۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر قىزدىن تەسىرلەندىم. مۇشۇلار توغرۇلۇق ئۇنى بۇنى دېگەنلەردىن نەپرەتلەندىم.

  • 、じǎR、ΖǎИ、1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇندەي دىسەم بۇنى دەيدۇ، بۇنى دەي دىسەم ئۇنى دەيدۇ. تۇرمۇش خاتىرىسى ئىكەن. بىز بىلسەكلا بولدى قانداق ئويلىساڭلا ئويلاپ. نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەكلا بولدى ئەمەسمۇ! ئارتۇق مۇلاھىزە قىلماڭلا.

  • سۈكۈت1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ يەردە پو ئاتقان بىلەن نەچچىڭىلا ئۆزەڭىلىنىڭ دادسىغا ۋاپادارلىق قىلالايسىلە ، ئۇنى ئۆزەڭلا بىلسىلە …

  • 130******041 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنۇڭدىنمۇ قۇسۇر ئىزدىگەنلە ئادەم ئەمەس

  • چىدىر1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنى بىلىپ باققىم كېلۋاتىدۇ، روھىي كېسەل ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرئتىنى تورغا چىقىرىش ياكى چىقارماسلىق ھوقوقى بۇلامدىغاندۇ؟بۇ قىزغۇ بەكلا كۈيۈمچانكەن، مېنىڭ يەنە بىر ئەنسىرەيدىغىنىم مۇشۇ قىز توردا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن پاسسىپ باھالشلىرىنى ئاڭلىسا كۆڭلى قانداق بوپ قالا؟ئەگەر شۇ پاسسىپ پىكىرلارگە بەرداشلىق بېرەلىسە بۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكىگە تېخىمۇ قول قۇيىمەن ھەمدە داۋاملاشتۇرشىنى قوللايمەن، بولماى قالسا ئۆزىنىڭ دىلىنىڭ توردىن ئازار يىيىشىدىن ساقلانماقچى بولسا رەسىملەرنى چىقاماسلىقنى تاللىسىمۇ بولغۇدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号