باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10324يوللانما
780مەستانە

ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي ئۆز تارتىمچى دەپ قارامسىز، ئۇنداقتا بۇ ھىندىستانلىقلارنى كۆرۈڭ!

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 23:27 12 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆز تارتىم ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا، بىزنىڭدەك سۈرەتكە چۈشەلمەيدىغانلار بەلكىم ھىندىستانلىقلارغا بەكرەك قايىل بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقىكىن، بىر قانچە ۋاقىتتىن بۇيان، ئۆزۈمنى بارغانسېرى ئۆز تارتىمغا چۈشەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، تۇيۇقسىز ھىندسىتانلىقلارنىڭ ئۆز تارتىمغا چۈشۈشكە تولىمۇ ئۇستا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىمدە، بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ راستىلىقىغا قاتتىق ئىشەندىم. قېنى سىزمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئۆز تارتىم چۈشۈشكە زادى قانچىلىك دەرىجىدە «ئۇستا» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ:

مانا بۇ گۈزەللەر ھىندىستان كىنولىرىدىكى بىر ناخشا چىقسىلا، سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ كېتىدىغان ئامما ئارتىسلارغا ئوخشامدىكەن؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆز تارتىمغا چۈشۈشلىرىمۇ شۇنچىلىك جەلىبكار!

نېمە دېسەك بولار، ھىندسىتانلىقلارنىڭ ئۆز تارتىمنى ياخشى كۆرۈشى ھەتتا ھاياتىنى سۆيۈشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇلتۇر ھىندىستاندا ئۆز تارتىم قىياپىتى سەۋەبلىك كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلارنىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى. مەسىلەن، ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان پويىزنىڭ ئالدىدا ئۆز تارتىمغا چۈشۈش، قالايمىقانچىلىقتىن ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتقان كېمىدە تۇرۇپ ئۆز تارتىمغا چۈشۈش، مەلۇم بىر تىك قىيادا پويىز ۋەقەگە ئۇچرىسىمۇ، خىيالىدا يوق ئۆز تارتىمغا چۈشۈش دېگەندەك...

ئۆزى يالغۇز چىرايلىق مەنزىرىلەردە ئۆز تارتىمغا چۈشۈشىنىغۇ توغرا چۈشەنسەك، ئەمدى بىر ئىنەك بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشۈشنى نېمە دېسەك بولار؟ ھىندسىتاندىكى مەلۇم بىر جەمئىيەتشۇناس: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا غوجاينىلىق قىلىۋاتىدۇ، ياشلار، بولۇپمۇ، چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ياشلار تېخىمۇ داڭق چىقىرىشنى ئويلايدۇ. بۈگۈنكىدەك ھەممىلا ئادەم نام چىقىرىشىنى ئويلاۋاتقان زاماندا، ئۆز تارتىم تور چولپىنى بىر چىقىش يولىغا ئايلاندى»، دېدى.

ھىندسىتان بانگالور، بېرايىن كۆلىنىڭ بۇلغۇنىشى ئېغىر بولۇپ، كوچا-كويلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە زەھەرلىك مازغاپ ئۇچۇپ يۈرسە، ماۋۇ يەردىكى بىر ئەر مازغاپنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئۆز تارتىمغا چۈشۈپتۇ. (قارىغاندا، ھىندىستان كىنولىرىدىكى رومانتىك كىنولارنى بەك جىق كۆرىۋەتكەن ئوخشايدۇ)

زەھەرلىك مازغاپتىن قورقمىغان يەردە ئادەتتىكى كەلكۈن قانچىلىك ئىشتى، دەيسىز!

«قازانغا يولۇقساڭ  قارىسى، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى» دېگەندەك، ھىندسىتانلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە قىلىقلىرى «يۇقۇپ» قالدىمۇ-قانداق، باشقا يۇرتتىن كەلگەن ساياھەتچىمۇ يوغان كىتنىڭ ئالدىدا بەخىرامان ئۆز تارتىمغا چۈشتى. (ھە بوپتۇ، باشقىلار ھىندسىتاندا نېمە باركەن دەپ سورىسا، مۇشۇنداق يوغان كىت باركەن دەيدىغانغا بولسىمۇ ئەسقىتىپ قالار)!

بۇنى نېمە دېسەك بولار، توي بولسىغۇ قۇتلۇق ئىشكەن دەپ ئۆز تارتىمغا چۈشسە، ئەمدى دەپنە مۇراسىمىدىمۇ ئۆز تارتىمغا چۈشىۋېلىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ (بەلكىم خاتىرە بولۇپ قالار دەپ چۈشكەندۇ، توغرا چۈشىنەيلى)


بۇ ئايال تۇنجى قېتىم قان بېرىپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ ۋە ياكى قىلغان ئىشىدىن بەكلا ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىمۇ بىلمىدۇق، قان تەقدىم قىلىش يولىدىمۇ چىرايلىق ئۆز تارتىمغا چۈشۈشنى ئۇنۇتمىدى.

ئەممازە، ماۋۇ ھەقىقىي «ئۆلگۈسى كەلگەنلەر»نىڭ كىلاسسىك كۆرۈنۈشى بولالىغۇدەك! بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بوغما يىلان بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشۈشنى ئويلىغاندا، ئۈچ يېقىن دوستى يىلاننى تۇتۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر بولسا  ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۆزىچە يىلانغا يېقىن تۇرغاندەك شەكىل چىقاردى.

شۇنىڭ بىلەن «1،2،3» دەپ ئېكراننى بىر بېسىشىغىلا، بوغما يىلان «مانا ئەمسە» دېگەندەك، تۇيۇقسىز ئەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نەق مەيداندىلا ئۇنى يارىلاندۇردى. (ھەي بىچارە، يىلان بىلەمتى، ئۆز تارتىمغا چۈشىۋاتقىنىنى)

قاتتىق تۇماننىمۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۆز تارتىمغا چۈشىدىغان ھىندسىتانلىقلار.

بۇ ھىندىستانلىق يىگىت ئۆز تارتىم دۇنياسىدىكى «ئاجايىپ گۈل» بولۇپ، ئۇ خىزمەت قىممەتلىك ئۆز تارتىم ۋاقىتىمنى ئىگەللىۋالدى دەپ قارىغاچقا، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى ئۆز تارتىمغا چۈشۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۆز تارتىمغا چۈشۈشنى مەشىق قىلىپ دۇنيا  رېكورتىنى بۇزماقچى بولدى. (غايە ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە!) نۆۋەتتە، بۇ تۈرلۈك رېكورتنى ساقلاپ قالغۇچى ھەربىر سائەتتە 1449 قېتىم ئۆز تارتىمغا چۈشەلەيدۇ.

بۇ بۇرادەر تېخىمۇ داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بولسا، جەرىمانە قويىۋاتقان قاتناش ساقچىسى بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشۈش. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ھەر كۈنى يولدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ، سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلا غىپپىدە «تىكىۋېتىدىكەن».

ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز مېنىڭ ئەڭ قايىل بولغىنىم، يەنىلا مۇشۇ يىگىتنىڭ قالتس ئىجادىيىتى بولدى. ئۆزىچە داڭلىق چولپان بولىمەن دېگىنىمۇ ۋە ياكى بۇنىڭغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بارمۇ بىلمىدىم، ھەرە ئۇۋىسى بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشۈپ باقماقچى بولدى... ئاخىرىدا، راستىنلا ئاخىرى قالمىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    جېنىم تىنىمدا بولسىلا ، دىگەن كىنو بەك ياخشى

  • سۈكۈت2 ئاي ئىلگىرى

    خەۋەردىن بەكىرەك تەرجىمە يۇمۇرستىككەن ،

  • يىگانە2 ئاي ئىلگىرى

    ھەرلەر بىلەن رەسىمگە چۈشسە بىردەمدىلا سەمەتىپ قويدىكەن،(سەمرىشنى ئارزۇ قىلۋاتقانلارغا تەۋسىيە )

  • ☝ئەلى بەگ 2 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ئاستىدىكىنى كۆرۈپ ،ئەتراپىمدا ئادەم بار دىمەي كۈلۈپ تاشلىدىم جۇمۇ … باشقىلا نىم دەپ قالا

  • kaktus2 ئاي ئىلگىرى

    ھەرە بىلەن رەسىمگە چۈشكەنگە توي ھە دەپپەرسە چايان بىلەنمۇ چۈشەمدۇ بولا رەسىمگە

  • ئاسىيە2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئىسىل تەرجىمە قىپسىلەر ،،،كۈلۈپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كەتتى ھاھاھا،،،،

  • كوك دېڭىز2 ئاي ئىلگىرى

    بىر توپ كاللىسىدىن كەتكەن نىرۋا كىسەللەر شۇمۇ ئىشمۇ

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    بەك قىزقارلىقكەن

  • بەگزات2 ئاي ئىلگىرى

    پەيزىڭلار بار جۇمۇ ھىندىستانلىقلار……
    مەنغۇ ئايدا بىرە پارچىمۇ رەسىمگە چۈشمەيمەن …

  • 186******852 ئاي ئىلگىرى

    ئەك ئاستىدىكى ھەقىقەتەن ئۆزتارتىمغا ياخشى چۇشۇپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号