باش بەت

نۇسرەتگۈل

6618يوللانما
60مەستانە

تىروپىك بەلباغ تۆۋەن بېسىمى تەسىرىدە كەلكۈن كېلىپ ئاز دېگەندە 4 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 23:08 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مەركىزىي ئاگېنتلىق» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىروپىك بەلباغ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى فىلىپپىن پايتەختى مانىلا ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كەلكۈن پەيدا قىلىپ، 4 ئادەم قازا قىلغان، 6 ئادەم يوقاپ كەتكەن، مەكتەپ، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ۋە دۇكانلار تاقالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تىروپىك بەلباغ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى مانىلانىڭ سىرتىدا كەلكۈن پەيدا قىلغان بولۇپ، فىلىپپىندا بۇنىڭدەك بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى يىلىغا 20 قېتىمچە كۆرۈلىدۇ. قارا يامغۇر مانىلانىڭ شەرقىدە پوركاپ سۇ (لاتقا - شېغىللىق ئېقىن) ئاپىتى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئاپەتتە بىر جۈپ ياش ئاكا-ئىنى كۆمۈلۈپ قالغان. پۇقرالار مۇداپىئە ئىدارىسى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:«يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلار تۇرۇۋاتقان جايدا پوركاپ سۇ ئاپىتى كۆرۈلۈشى ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن ئۇلار جاھىللىق بىلەن شۇ جايدا تۇرۇۋەردى».

مانىلادىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر سىرتىدىكى دەريا يۈزى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، 12 ياشلىق بىر قىز تۇنجۇقۇپ قالغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىۋىزون ئۆلكىسى لۇسېنا شەھىرىدىمۇ ئاپەت بولغان بولۇپ، بىر دوختۇرخانىنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى لاي تام قارا يامغۇردا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يېنىدىكى 3 ئېغىز ئۆينى بېسىۋالغان، شۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىدە ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان بىر قىز قازا قىلغان.

مانىلانىڭ جەنۇبىدىكى كالامبا شەھىرىدە دەريا بويىغا سېلىنغان كىچىك بىر ئۆينى كەلكۈن ئېلىپ كېتىپ، 6 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 2 ياشلىق بىر بالا بار ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号