باش بەت

زەپەر-7

116يوللانما
2مەستانە

2015-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئومۇمىي زىيىنى 29مىليارد 700مىليون دوللارغا يەتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-12 23:41 1 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاۋسترالىيە سىدنېي ئاپتوموبىل جەمئىيىتى 11-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2015 ـ يىلى  پۈتۈن ئاۋسترالىيەدىكى تاشيول قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان 29 مىليارد 700مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يەتتى ( تەخمىنەن 155 مىليارد 900 مىليون يۈەن). بۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ توغرىسىدىكى تۇنجى دوكلاتى.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قاتناش ھادىسىسىدە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ئاساسلىقى ئادەملەرنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشى، ئاپتوموبىلنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. تاشيول قاتناش ھادىسىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى، باجنىڭ ئازىيىشى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ئاۋسترالىيە ئاپتوموبىل جەمئىيىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مايكول برادلېي مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا ئاۋسترالىيەدە 100دىن ئارتۇق ئادەم ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلىدۇ، يەنە 100 دىن ئارتۇق ئادەم شۇ سەۋەبتىن ئېغىر يارىلىنىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىياندىن باشقا، قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش-يارىلىنىشمۇ جەمئىيەتكە غايەت زور پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ئاۋسترالىيە ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان يەنە بىر پارچە دوكلاتىدا ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەدە ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان يول بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى بىرلىكتە ھەل قىلماقچى بولدى، دېيىلدى. برادلېي مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە يول بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى ۋە زور مىقداردىكى مەبلەغ سېلىنمىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. 
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش ئىشتاتى بولسا قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ ئىشتات. بۇ بىر شىتاتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاۋسترالىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ %18نى ئىگەللەيدۇ، قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان ئادەم سانى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى بولسا، پۈتۈن ئاۋسترالىيەنىڭ %37 ۋە %30نى ئىگەللەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kaktus1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ مۇشۇ قاتناش ۋەقەلىرى بەكلا ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号