باش بەت

زەپەر-7

146يوللانما
6مەستانە

ئەرمەك ئىت كوكايىننى كۆپ يەۋېلىپ ئىگىسىنى تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:28 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوندوندىكى مارىيو ئىسىملىك 41 ياشلىق ئەر BBCنىڭ بىر دورا خۇمارى ۋە جەمئىيەتكە قارشى ھەرىكەت توغرىسىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشىغا قاتنىشىۋاتقاندا، ئۆيىدىكى ئەرمەك ئىت تەرىپىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ۋەقە 21-مارت يۈز بەرگەن بولۇپ، مارىيو BBC «ئەنگلىيە زەھەر خەرىتىسى» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى سۈپىتىدە، ئۆز ئۆيىدە BBC سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 30 مىنۇتلۇق زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا مارىيونىڭ تۇيۇقسىز تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن پىروگراممىنى سىنغا ئېلىش ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلۇپ، ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئارام ئالغان. ئويلىمىغان يەردىن ئارقىدىنلا پاجىئە يۈز بەرگەن، مارىيونىڭ ئەرمەك ئىتى تۇيۇقسىز غالجىرلىشىپ، غوجايىنىنى ئۆينىڭ ئىچىدە تالاپ كەتكەن، مارىيونىڭ بېشى ۋە بوينى جاراھەت بىلەن تولۇپ، قان چاچراپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىغان، قوشنىلىرى ۋە سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لوم تۆمۈر بىلەن ئىشىكنى قومۇرۇپ ئېچىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

گەرچە مارىيو جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېنىدىكى بەشتىن بىر قىسىم قان ئېقىپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇ ئىككى سائەتتىن كېيىن قانسىراپ شوك بولۇپ قېلىپ، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. 

بۇ تاساددىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ ۋە داۋالاش تارماقلىرى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن، مۇشۇ دۈشەنبە ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. مال دوختۇرلۇق توكسىكولوگى نىكولاس كارمىكېل، بۇ ئەرمەك ئىتنىڭ سۈيدۈكىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىتنىڭ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا كوكائىن يەۋالغانلىقىنى، كوكاكىننىڭ مىقدارىنىڭ ئىنسانلارنىڭ زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە توشىدىغان مىقدارىنىڭ 8 ھەسسىسىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نورمالسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، غوجايىنىغا ھۇجۇم قىلىپ چوڭ بالايىئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق، دېگەن.

نىكولاسنىڭ قارىشىچە، ئىتنىڭ ئىگىسى شۇ كۈنى كوكائىن چېكىپ، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغان، ئەرمەك ئىتمۇ ئۇقۇشماي بۇ زەھەرنى يەپ سېلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن. بۇ ئىت غالجىر ئىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل ھالەتتە ئۇلارغا خىرىس قىلغانلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ پەرزىچە، مارىيونىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى ئۇ ئىتقا تەسىر قىلغان، ئاندىن ئۇ ئىت ئىگىسىنى تالىۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    مانا پېتىر باققاننىڭ جازاسى. ئىشقىلىپ ئەرمەك ھايۋانلار ئىچىدە پېتىرغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号