باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
3مەستانە

بېكىنمە مىجەز بالا قاتىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىراقلا ئۆزگەردى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 08:00 4 ئىنكاس چۈشتى

بېكىنمە مىجەز بالا قاتىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىراقلا ئۆزگەردى

رەسىمدە يىغلاۋاتقان بالىنىڭ ئىسىمى رامبوت، ئۇنىڭ مىجەزىدە بېكىنمىلىك بار ئىدى، يېنىدىكى ھەممە نەرسىدىن قورقاتتى، باشقىلار تېگىپ سالسىمۇ يىغلايتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرسەتمىگەن پىسخىكا دوختۇرى، قىلمىغان ئىلاجى قالمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارغا ئامال كۆرسىتىشتى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ يولدىشى تۈرمىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارغا رامبوتنىمۇ تۈرمىگە ئاپىرىپ، قاتىلدىن بىرەرنى تېپىپ كۆرۈشتۈرۈپ بېقىشنى ئېيتتى.

رەسىمدىكى ئەر ئۇلار تاپقان قاتىل ___مىرىدىس. ئۇ قىز دوستىنى باشقا ئەرلەرگە ئېلىشىپ تۇرغاندا كۆرۈپ قېلىپ، خۇدىنى يوقىتىپلا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مىرىدىس ئىت كۆندۈرگۈچى بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ئىدى. ئۇ ئىتلارنى شۇنداق بېكىنمە مىجەزلىك بالىلارنى يېتەكلەش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ۋە ھەمراھ بولۇشقا كۆندۈرەتتى.

ئۇنىڭ بۇ ئالامەتكە مۇپتىلا بولغان رامبوتقا ناھايىتى ئىچى ئاغرىدى ھەمدە بار ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم قىلماقچى بولدى.

ئۇ رامبوتنىڭ ھەر بىر گېپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، چىرايىدىكى ھەر بىر ئالامەتنى ئىنچىكە كۆزەتتى، مىجەزى چۇس رامبوت ئاستا – ئاستا مۇلايىملىشىشقا باشلىدى.

شۇنداق ئىككى يىل بىللە تۇرغاندىن كېيىن، رامبوتنىڭ ئەھۋالى بىر ئىزغا چۈشكەنىدى. كەمسۆزرەك بولسىمۇ، ئالاھىدە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغۇدەك ۋە دوستلاشقۇدەك بولدى.

مەكتەپ ياتاقلىق بولغاچقا، رامبوت مىرىدىسنى يوقلىغىلى تۈرمىگە دائىم بېرىپ بولالمايتتى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسۇن دەپ بىر قارا كۈچۈكنى بېقىۋالدى.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • 139******712 ئاي ئىلگىرى

    مىرىدىس مېنىڭمۇ دىققىتىمنى تارتتى، مېنىڭچە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى ئازايتىش كېرەك

  • Im.ok2 ئاي ئىلگىرى

    مىرىدىس ئىسىملىك ئادەم دىققىتىمنى تارتتى

  • زەيىن2 ئاي ئىلگىرى

    قالتىسكەن ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپتۇ

  • ساراڭ2 ئاي ئىلگىرى

    باشقا گەپنى قىلمايلا تۇراي ، ئەڭ ئاخىرقى رەسىمدىكى ماشىنائورۇندىقىغا ، مەينەتلىكىگە دىققەت قىلغانلار بارمۇ؟‹.....

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号