باش بەت

زەپەر-7

112يوللانما
2مەستانە

19 ياشلىق يىگىت سۇ چىقىرىش سۈڭگۈچىگە چۈشۈپ كېتىپ غايىب بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لى خۇيچۈەن چيۇڭخەي شەھىرىدە بىر ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى دۇكىنى ئاچتى. 6-سېنتەبىر، ئۇ دۇكاندىكى خىزمەتچى ئا ۋۇنى مىنىبۇسنى ھەيدەپ مال يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرىدى. بىراق ئۇ كۈنى، ئا ۋۇنىڭ بىر تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، لى خۇيچۈەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشالمىدى. لى خۇيچۈەننىڭ بايان قىلىشىچە، 6-سېنتەبىر شۇ كۈنى، چيۇڭخەيدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن، سىرتقا مال يەتكۈزۈشكە چىقىپ كەتكەن ئا ۋۇ ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇ بىر سۈڭگۈچتىن ئۆتكەن چاغدا، يول يۈزىدە سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، ماشىنىنىڭ سۇدا توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. لى خۇيچۈەن دەرھال سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ ماشىنىنى تارتىپ چىقىرىشىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ ھەممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئا ۋۇغا قايتا تېلېفون بەرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىغان.

لى خۇيچۈەن نەق مەيدانغا بارغاندا، ئاپتوموبىل جايىدا تۇرغان، مالمۇ كەملىمىگەن، لېكىن ئا ۋۇ يوقاپ كەتكەن ئىدى. لى خۇيچۈەن ئەينى ۋاقىتتا ئا ۋۇنى بىر يەرگە يامغۇردىن پاناھلانغىلى كېتىپ تېلېفونىنىڭ توكى قالمىغان دەپ ئويلاپ، ئارتۇقچە ئويلىمىغان. مىنىبۇسنى تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن، لى خۇي چۈەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئىشنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، لى خۇيچۈەن يېنىدىكى دوستلىرىنى ياردەم قىلىپ ئىزدىشىپ بېرىشكە چاقىرغان. ھالبۇكى بۇ چاغدا، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر ۋىدىۇودا، كۆپچىلىك ئا ۋۇنىڭ سىماسىنى كۆرگەن. ۋىدىيودىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى چاغدىكى سۇ چوڭقۇرلۇقى ئاللىقاچان بەلدىن ئاشقان بولۇپ، ئەتراپتا يەنە باشقا ئاپتوموبىللار سۇدا توختاپ قالغان ئىدى. 

ۋىدىيودا، ئا ۋۇ سۈڭگۈچنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كېلىپ، ئىككى قاتناش راۋانلاشتۇرغىلى كەلگەن قاتناش ساقچىلىرى بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشكەن. شۇ چاغدا ئا ۋۇنىڭ كەيپىياتى نورمال بولۇپ، باشقا ۋاقىتلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. لېكىن ئا ۋۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ۋىدىيودا خاتىرىلەنمىگەن ئىدى.

ئا ۋۇ زادى قەيەرگە كەتتى؟ ئاپتوموبىل سۇغا چىلانغان سۈڭگۈچ ئەتراپىدا، لى خۇيچۈەن غەلىتىلىكنى بايقاپ، دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ جايدىكى ج خ ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە ھەر قايسى فۇنكىسىيىلىك تارماق بىرلىشىپ يوقاپ كەتكەن ئا ۋۇنى ئىزدەشنى باشلىدى. لى خۇيچۈەن بۇرۇن سۇ يىغىلىپ قالغان يول بۆلەكلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر ئۈستى ئوچۇق سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى بارلىقىنى، بىر تەرەپتىكى سۇ چىقىرىش ئېرىقى ئەتراپىدا، يەنە بىر ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۇ چىقىرىش ئېغىزى بارلىقىنى بايقىدى. لى خۇيچۈەن دەرھال شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەم نەق مەيداندا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار يوقاپ كەتكەن ئا ۋۇنىڭ بۇ سۇ چىقىرىۋېتىش ئاغزىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى. كېيىن، شۇ جايدىكى ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش، شۇنداقلا ھەر قايسى فۇنكىسىيىلىك تارماقلار بىرلىشىپ، ئا ۋۇنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇلدى. كۆپچىلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئا ۋۇئالى دادىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن تۇغقانلىرى بىلەن يۇرتى خۇنەندىن خەينەنگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقىنى بويلاپ ئىزدەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېتىز ئىچىدە، يوقاپ كەتكىلى نەچچە كۈن بولغان ئا ۋۇنى تاپتى، لېكىن بۇ چاغدا ئا ۋۇ ئاللىقاچان قازا قىلغان ئىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئا ۋۇنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ كېتىپ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئا ۋۇنىڭ دادىسى مۇخبىرغا ئوغلىنىڭ بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئا ۋۇنىڭ سۇ چىقىرىش ئېغىزىغا چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئا ۋۇنىڭ دادىسىمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەقە يۈز بەرگەن تونىل ئىچىدە، ئىككى سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى ئۈستىدىكى قاپقاقنىڭ قىسمەنلىرى كەمتۈك بولۇپ قالغان. يېقىن ئەتراپتىكى يول يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى،پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق ھالەتتە ياسالغان، پۈتكۈل سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى ۋە سۇ چىقىرىش ئېغىزىدا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلمىغان، سۇ چىقىرىش ئېغىزىدا ھېچقانداق توسۇق قويۇلمىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号