باش بەت

دەۋران

499يوللانما
17مەستانە

نەننىڭلىق ئايال پۇللارنى يىرتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:03 3 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

11-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن نەننىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا ھەيران قالارلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىدىن نۇرغۇن پۇللارنى چىقىرىپ، يىرتىپ پارچە-پارچە قىلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىش-ھەرىكىتى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

ئۇ ئايال پۇللارنى يىرتىۋاتقاندا ئەتراپىدىكى كىشىلەر پۇلنى قالايمىقان يىرتسا قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى توسۇماقچى بولغان، لېكىن ئۇ ئۆزىگە يېقىنلاشقان ئادەمگە ۋارقىراپ ئۇلارغا قارشىلىق قىلغان، نېمە قىلارىنى بىلمىگەن كىشىلەر ئاخىرى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە ئايال نەق مەيداندىن ئايرىلغان ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، يىرتىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسى راست پۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلار ئېلىپ قاچقان ئىكەن.

ھازىرچە ئۇ ئايالنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن پۇل يىرتقانلىقى، قانچىلىك يىرتقانلىقى ئېنىق ئەمەس، ساقچى تەرەپ پۇللارنى ئېلىپ قاچقانلارنىڭ پۇللارنى دەرھال ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • غاپىل2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئايالنىڭ ئېرى پۇل تاپىمەن دەپ ئۆيىگە ئاز كېلىدىغان بولغان، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆيىگە ئاساسەن كەلمەيدىغان بولغان، ئايال پايلاقچى قويۇپ كۈزەتكەندە ئەرنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلگەن، قاتتىق ئازاپلانغان ئايال بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ، ئۇ بۇ ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ھەممىنى پۇلدىن كۆرۈپ ئۆيىدىكى نەق پۇلنى ئېلىپ چىقىپ يىرتىپ ئاچچىقىنى چىقارغان

  • قەشقەر2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي يىرتىۋەتكىچە، بىرسىگە بىرەتسە بۇلمامدۇ، مەنمۇ ياق دىمەيتم، پۇلنىڭ يۇقىدا

  • ئاق ئەتىرگۈل2 ئاي ئىلگىرى

    بەلەن قىپتۇ … ھەممىنى قىلىۋاتقان مۇشۇ نىجىس پۇل … پۇل بوسا تىخى بوممىسا تىخى … ئۇف

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号