باش بەت

ئىرپان

2242يوللانما
128مەستانە

ئالمىنىڭ iPhone 8 قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ئېلان قىلىندى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 02:50 49 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 12-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتى ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:00 ئۆتكەندە يېڭى باش ئىشتابى Apple Parkتىكى «ستېۋ جوبس تىياتىرخانىسى»دا 2017-يىللىق ئالما كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ ئالدى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبسنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئاندىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىنى تونۇشتۇردى. 

ئاندىن ئالما شىركىتىنىڭ پارچە سېتىش باشقۇرغۇچىسى ئانجىلا ئالما شىركىتىنىڭ پارچە سېتىش ھالقىسىنى تونۇشتۇردى.

ئاندىن تىم كۇك قايتىدىن سەھنىگە چىقىپ ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت Apple Watch SERIES 3نى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر قول سائىتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %50 ئاشقان بولۇپ، Apple Watchنىڭ دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى بىرىنچى ئورۇندىكى قول سائەت مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كېيىنكى قەدەمدە ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى Apple TV مەھسۇلاتى تونۇشتۇرۇلدى. نەق مەيداندا ئۆمۈچۈك پالۋان كىنوسىنى قويۇپ 4K ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. A10X ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى tvOS سىستېمىسى ئىجرا بولىدۇ. 

تىم كۇك سەھنىگە چىقىپ ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plusنى ئېلان قىلدى. قوش ئەينەك قۇرۇلما ئىشلىتىلگەن، رازمېرى ئۆزگەرمىگەن، تۇنجى قېتىم True Tone كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. ئەڭ يېڭى ياڭراتقۇ سىستېمىسى، A11 BIONIX بار. A11 Bionic بىر تەرەپ قىلغۇچ، 64 بىتلىق 6 يادرو قوللىنىلغان. iPhone 8 يانفونى 4.7 ديۇم، iPhone 8 Plus يانفونى 5.5 ديۇملۇق. قارا، كۈمۈش، ئالتۇن رەڭدە چىقىرىلغان. 

12 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن، خىرە نۇرنى ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلىشى تېخىمۇ تېز، پىكسېل بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ياخشىلىغان. ISPنى ئۆزى مۇستەقىل لايىھەلىگەن. ماشىنىلىق ئۆگىنىش ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇھىت يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق يورۇتۇش ئەندىزىسىنى تاللايدۇ. iPhone 8دە يەككە 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا بار، ئەڭ يېڭى سېنزور ئىشلىتىلگەن، OIS فوتونلۇق تەۋرىنىشتىن ئالدىنى ئالىدۇ. iPhone 8 Plus قوش كامېرالىق، ئىككى 12 مىليون پىكسېللىق كامېراسى بار. 


12 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن، خىرە نۇرنى ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلىشى تېخىمۇ تېز، پىكسېل بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ياخشىلىغان. ISPنى ئۆزى مۇستەقىل لايىھەلىگەن. ماشىنىلىق ئۆگىنىش ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇھىت يورۇقلۇق مەنبەسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق يورۇتۇش ئەندىزىسىنى تاللايدۇ. iPhone 8دە يەككە 12 مىليون پىكسېللىق كامېرا بار، ئەڭ يېڭى سېنزور ئىشلىتىلگەن، OIS فوتونلۇق تەۋرىنىشتىن ئالدىنى ئالىدۇ. 

iPhone 8 Plus قوش كامېرالىق، ئىككى 12 مىليون پىكسېللىق كامېراسى بار. iPhone 8نىڭ 64GBلىقى 699 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ، iPhone 8 Plusنىڭ 64GBلىقى 799 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.  9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلىش باشلىنىدۇ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسىمىي بازارغا سېلىنىدۇ. 

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالمىنىڭ تۇنجى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفونى iPhone X ئېلان قىلىندى، ئالدى-كەينى يۈزى قوش ئەينەك قۇرۇلمىلىق، داتلاشماس پولاتلىق رامكىلىق، كۈمۈش، كۈلرەڭ ئىككى خىل رەڭدە، 5.8 ديۇملۇق، 2436-1125 پەرق ئېتىشچانلىق، OLED ئېكران تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. 

Home كۇنۇپكىسى يوق. ئېكراننى بىۋاسىتە چېكىش ئارقىلىق ئېكراننى ياندۇرغىلى بولىدۇ. ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىش ئارقىلىق باش ئېكرانغا كىرىدۇ. Face ID يۈز ئارقىلىق قۇلۇپلاش ۋە ئېچىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. 

بىخەتەرلىك جەھەتتە Face ID ساختا يۈز ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، شەخسىي مەخپىيەتلىكنى قوغدايدۇ، چىراي سانلىق مەلۇمات يانفوننىڭ ئۆزىدە قوغدىلىدۇ، مۇلازىمېتىرغا چىقىرىلمايدۇ. مەيلى قانداقلا گىرىم قىلىڭ تونالايدۇ. Touch IDنىڭ 50 مىڭدىن بىر خاتالىقى بولسا، Face IDنىڭ مىليوندىن بىر خاتالىق نىسبىتى بار، بىراق سىزنىڭ قوش كېزەك قېرىندىشىڭىز بولسا ياخشىسى مەخپىي نومۇر ئورنىتىۋېلىڭ.

Face ID ھەق تۆلەش ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ ئەپىنى قوللايدۇ.

قىزىقارلىق بولغىنى، ئالما يەنە Animoji ئىقتىدارى (emoji كارتونىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخىسى) قوشقان، بىۋاسىتە چىراي ئىپادىسىنى كارتون ھالەتتىكى emojiغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 137******842 ئاي ئىلگىرى

    ئەخلەت ئەخلەت ئەخلەت ئەخلەت ئەخلەت ئەخلەت

    سامسۇڭ نوچى

  • 181******112 ئاي ئىلگىرى

    قىلىدىغان ئىش تاپالماي،مۇشۇ ئىشنىمۇ تالىشىپ يۈرىدىكەن ماۋۇلار توۋا

  • 186******742 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ note8نى ئالساق بولغۇدەك

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما دىگەن مانا مۇشتا نوچى دەيمە توۋا ھەي ئاندىروئىد تىلفۇننى قاندامۇ ئادەم ئىشلىتىدىغاندۇ ، ئالمىنىڭ . مۇشۇ چىكىتچىلىك يىرىنى دورىيالىسا نىمە دەي ھې ھې ھې

  • Az KalDi2 ئاي ئىلگىرى

    ئىكراننى قوش چىكىپ ،ئىكراننى يورۇتۇش دەيدۇيا ،ۋاي شۇما تىخنىكىما. قولۇمدىكى شىياۋمى 4c دىمۇ بار ئۇ تىخنىكا . 1000 كويلۇق تىلىفۇن.

  • ak boz atem2 ئاي ئىلگىرى

    Xتىفىدكي يانفۇنني تېخي ئېمدى كۇرەۋاتقان نوچىلمۇ باكەن ئەمەسمۇ .

  • مەستانە2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ بۇلۇپمۇئالما x بەك ياخشى چىقىپتۇ

  • دىل2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما 8 ئاجايىپ تېلىفۇن دەپ ئۈمۈت كۈتۈپ يۈرەتتىم، ئاھ..ئالما ، سەنشىڭ، خۇاۋېي تېلىاۇنلرنىڭ ئالدىدا چېنىپلا قالىدىغاندەك تۇرىسەن،بولدى سەندىن ۋاز كىچىپ ئاندىروئىد تېلىفۇن ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم

  • 137******842 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىچىلا ھەجەپ ماختاپ كەتتىڭلا يىڭلىقنىڭ ھەممىسى ئالمىدا دەپ
    مەن ھەجەپ كۆرمىدىميا خاپا بولماي چۈشەندۈرپ قۇيامسىلە قايسى يىڭلىق باكە
    ناۋادا سامسۇڭدەك يىڭلىق ياراتسا نىپ بوپ كىتەسىلە

    نۇمۇس قىلماي سامسۇڭنىڭ تىخنىكىسنى ئىشلىتىپ ئالما نوچى دەپ ماختىنىپ كىتىدىكە

  • جاھاندار2 ئاي ئىلگىرى

    نۇرداشلار، رەھمەت سىلەرگە، خەۋەر سۇرئىتىڭلار ھەقىقەتەن تىز بولدى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号