باش بەت

zefer

612يوللانما
35مەستانە

iPhone Xنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باھاسىغا نەزەر

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 09:28 8 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما تېخى بايىلا ئېلان قىلغان ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى يانفونى iPhone X ئاخىرى iPhone باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى يېڭىلىدى، دۆلىتىمىز نۇسخىسىنىڭ باھاسى سەپلىمىسىگە قاراپ 8399 يۈەن ۋە 9688 يۈەن بولۇپ، ئالىي سەپلىمىلىك iPhone X يانفونىنىڭ پۇلىغا ئۈچ دانە شياۋمى MIX 2 ئالغىلى بولىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى باھا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چەت ئەلدىكى باھانىڭ پۈتۈنلەي تۆۋەن بولۇشى ناتايىن. تۆۋەندە iPhoneنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق بازارلاردىكى باھا سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى.

خەرىتىدىكى قىزىل رەڭ جۇڭگو نۇسخىسىدىن ئەرزان بازارلارغا، كۆك رەڭ قىممەت بازارلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە شياڭگاڭدىكى باھا ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ، ئامېرىكا %24، ياپونىيە %21، شياڭگاڭ %15 تۆۋەن ئىكەن.

جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا ۋە كانادا ئۇنچە تەلەيلىك ئەمەس، ئەڭ يۇقىرى بولغىنى فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بولۇپ، باھا %6 يۇقىرى بولغان، گېرمانىيەدىكى iPhone Xنىڭ ئالىي سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا نۇسخىسى بىلەن ياپونىيە نۇسخىسى سېتىشتىن كىيىنكى رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى ئويلاشمىغاندىكى ئەڭ ياخشى تاللاش، بىراق ھازىر ئۇنىڭ ئېچىۋېتىلگەن نۇسخىسىنىڭ سېتىلىدىغان ياكى سېتىلمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، بولمىسا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ قۇلۇپى ئېچىلغان نۇسخىسىنى سېتىشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، رېمونت قىلىش ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، شياڭگاڭ نۇسخىسىمۇ يامان ئەمەس بىر تاللاش.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالمابىرىنچى2 ئاي ئىلگىرى

    قادىر قوناق سەن قارىغاندا كۆممە قۇناق پۇشۇرۇپ ساتىدىغان يايمىچى ئوخشىمامسەن ؟پۇلۇڭ بولسا سەنمۇ ئال باشقىلارغا ھەسەت قىلىپ يۈرمەي بەش مىڭ كويغا سامسا ئالساڭ ئىككى يىلغا بارماي سېستىمىسى ئېغىرلاپ كېتىدۇ ئالما تېلىفونى ئۇنداق بولمايدۇ سېستىمىسى شۇنداق راۋان شوڭلاشقا خەقلەر بۆرىكىنى سېتىپ سېتىۋالغان گەپ سەنمۇ بىرەر يېرىڭنى ساتامسەن يا ؟

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    يەنىلا قۇتلان ياخشى!

  • كاتتاباش2 ئاي ئىلگىرى

    رەسمىي قادى قوناق ئىكەن ماۋۇ ئىملاسىنىڭ خاتالىقىدىن قوناقلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن ،«ئالما» دېمەي ئامما دەپ كەتكىنىنى ،ئۆزىمۇ تايىنلىق «قوناق» ،ۋۇھ كۆممە…

  • ئەپچىلەم2 ئاي ئىلگىرى

    ئالما 8دە تۈزەك يىڭىلىق يوق پايچىكى چۈپكەتتى ،ئىنسابسز ئالما ،مۇشۇ تىلپوننى مانداق يىڭىلق كۆمىگەنلە يىڭلق دەپ تۇتمىسا ،باشقا ئادەم تۇتمايدۇ ،

  • ئابدۇللا2 ئاي ئىلگىرى

    قادىراخۇن سىلە بەك باي ئوخشىماملا، نەچچە مىڭ يۈەن مائاش، ئالىسا نىمبوپتا، ئەمگىكى بىلەن جان بىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىرىغا، قارىغاندا سىلىمۇ تايىنلىق نىمىكەنلا، ئامما ئەمەس ئالما ماقىما ماۋۇ

  • قادى قوناق2 ئاي ئىلگىرى

    ئامما دىگەن مۇشۇنداق ئسىل.ھىچ كىمگە زولاپ ساتمىدى .كۈنى شۇ نەچچى مىڭ ماشقا ئاران ئۆتۈۋاتقانلا ئامما سامسا ئالىمەنمۇ دىمەي 120كويغا بەك جىڭ تىلپۇن بىرىدا شۇنى ئىلىڭلا.

  • zefer2 ئاي ئىلگىرى

    سەنشىڭمۇ 5000 مىڭ كويغا كەلمەيدۇ ھازىر

  • جېكس پېرو2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشىنىمۇ يەنە پۇلغا ئالامسىلە ؟ ؟ بەش مىڭ كويلۇق سەنشىڭ بىلەن تەڭ تۇرالمايدىكەن بۇ ھازىر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号