باش بەت

ئادىلجان

6843يوللانما
70مەستانە

ئېلىمىز نۇسخىسىدىكى iPhone Xنىڭ باھاسى ۋە سېتىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 09:58 32 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن كەچ ئالمىنىڭ «ئالما باغچىسى» باش ئىشتابىدا ئېچىلغان كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما iPhone 8/8 Plus/X يانفونلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 8 بىلەن 8Plus يانفونى iPhone 7/7 Plusنىڭ دائىملىق يېڭىلانمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئارقا تەرىپى ئەينەك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن iPhone Xكە بولسا پۈتۈن ئېكران لايىھەسى، قوش كامېرا، قوش ئوپتىكىلىق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ئەڭ يېڭى FaceID چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالمىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئورگان تورى مەھسۇلات ئۇچۇرىنى يېڭىلاپ، بۇ ئۈچ خىل يانفوننىڭ سېتىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. 

ئالمىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئورگان تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plus يەنىلا 4.7 دىيۇم ۋە 5.5 دىيۇم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 8/8 Plusنىڭ پەقەت كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ ۋە قېنىق كۈلرەڭ تىپى، 64GBلىق ۋە 256GBلىق ئىككى خىل ساقلىغۇچ سەپلەنلگەن نۇسخىلىرى بار. 

iPhone 8نىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5888 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 7188 يۈەن. 

iPhone 8 Plusنىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 6688 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 7988 يۈەن. ئىككى خىل يانفون 9-ئاينىڭ 15-كۈنى زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، جۇڭگو رايونىدا بازارغا سېلىپ سېتىش ئۇچۇرى تەستىقلانلانغاندىن كېيىن ئاندىن سېتىلىدۇ. 

نۇقتىلىق بايراقدار يانفون iPhone Xنىڭ بولسا پەقەت كۈمۈش رەڭ ۋە قېنىق كۈلرەڭ نۇسخىسى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 8388 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 9688 يۈەن. مەھسۇلات 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:01دىن باشلاپ ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، كونكرېت سېتىلىش ۋاقتى تەستىقلانغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ak boz atem2 ئاي ئىلگىرى

    شىنخۇا ئاگېنتىلقى خەۋرى كۆزنىكدە بر خەۋەر بار . تەكشيرىشلەرگە قارغاندا دۇنيادىكي ئالما تىلفۇن ئېشلەتكىچلەرنىڭ كۇپۇنچيسي نامرات ياشلاركەن دەپ. ئۇ خەۋەرنى نىمىشقا نۇر تۇرغا يازمايسىلەر?

  • ak boz atem2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي قىرىنداشلار تىلفۇن ياساپ فۇل تاپسا خەق تىفۋاتتىدۇ بر برمىزنىڭ كوڭلىنى ئاغىرتىپ نىمقىلمىز

  • مېخانىك2 ئاي ئىلگىرى

    روھى گادايلار دېدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئويى قالماپتۇ دېگەندەك ئىش قىلىدۇ ـ دادىسىنى قاقشتىپ ئالما ئالغۇزۇپ مەن باي دەيدىغان ئەرمەكلەر

  • نامسىز2 ئاي ئىلگىرى

    ھۆرمەتلىك قادى قوناق ساۋادىم بوغاچقا ئامما دەپ يازسىڭىزمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇدۇم،بىريەدىن ئالما ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى باشقا تېلىفۇن ئىشلەتكەنلە نامرات دەپ قانۇن چىقمىغاندۇ،دىدىمغۇ ياقتۇرغانلا ئىشلىتىدۇ،سىز كىشىلەرنىڭ ياخشى يامانلىقىنى قولىدىكى تېلىفۇنغا قاراپ ئايرىيدىغان ئوخشايسىز،ھەر قانچە باي بولسىمۇ بەلكى باشقا تېلىفۇننى ياقتۇرىدىغانلا باردۇ ،ناھايىتى ئىسمىڭىزغا بەكلا لايىقكەنسىز

  • غۇلجا دەپ.2 ئاي ئىلگىرى

    ۋىيي مۇشۇ بايلىقىنى ئالما تىلفۇن تۇتۇش بىلەن باغلىۋالغانلارغا ھەيران قالدىم،،،، ھازىرقى جەمىيەتتە بايلار ئەمەس بەلكى ھەر قانداق كىشى بۇ تىلفۇننى تۇتىمەن دىسە ئازراقلا ئۇنى بۇنى قىپ تىرىشسىلا تۇتالايدۇ لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ بايلىقنىڭ سىمۇۋۇلى ئەمەس،،،،،بۇنى بايلىقنىڭ سىمۇۋۇلى يۇقىرى مەرتىۋىنىڭ سىمۇۋۇلى دىگەن ئاڭسىز ئەخلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغانلار ئۇيلىشىپ ئىنكاس يىزىش،،،،بەزلەر 100مىڭ كويغا ماشىن ئىلىپ كۈنىگە100كويلۇق ماي كۆيدۈرسە ئىش با ئۇخشايدۇ،،،،نۇرغا كۈندە ئىنكاس يىزىپ مەن باي دەپ )قاتتىق مەسخىرە قىلغان چىراي ئىپادىسى(

  • ئۆزەم2 ئاي ئىلگىرى

    ئىكراننى ياساشقىمۇ تىخنىكسى يەتمەي سەنشىڭدىن سىتىۋالغاچقا قىممەت ئوخشايدۇ ،سەنشىڭ بۇنىڭدىن ئىلغار باھاسى بۇنىڭدىن مۇۋاپىق ،سەنشىڭ كونا دەپ تاشلىۋىتەي دىگەن تېخنىكىنى ئالما پۇلغا سىتىۋالىدۇ ئەمدى ،پاي باھاسمۇ چۈپكەتتى ئالمىنىڭ ئەمدى سەنشڭغا كۆچىدىغان گەپ

  • يۈلىچى2 ئاي ئىلگىرى

    ھەر كاللىدا ھەر خىيال كۈتكىنىمىزدەي چىقىپتۇ مەن بىرنى ئالغىلى پۇل تەييا قىلاي

  • akax2 ئاي ئىلگىرى

    سەت قىممەتكەن بۇ پۇچۇق ئالما

  • چولپان2 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئالما تۇققىنىڭلارنىڭ شركىتىدەك ھاياجانلانماي ،تۇرۇڭلا،ئالما سەنشىڭدىن كۆپ كەينىدە قالدى ،ماختاپ ھالى قاممايۋاتقانلار ،سىلەرنىڭ ماختىغىنىڭلار سەنشىڭنىڭ ئاشقان تىخنىكىللرى ،گەپ چۈشەنمەيدىغانلار توردىن ئىزدەپ بىقىپ سەكلىسەڭلىمۇ كىچىكمەيسىلە ئالما8چىقىپ ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسى چۈپكەتتى نوچى بولساڭلار ئىنكاسنى شۇۋەگە يىزىڭلار بوممىسا ئايفون تۇتمغاننى مەسخرە قىمماڭلار ئالما تۇتامسىلەر ئالتۇندىن قۇيدۇرۇپ تۇتامسىلەر ئۆزەڭلار تۇتىسىلەر

  • تىمتاس2 ئاي ئىلگىرى

    جەسۇر شۆلگىيىنى ئىقىتىپ كەتكۈدەك ئىسىل نەرسە ئەمەس بۇ ،قۇربىڭ يەتسە ئال ،بوممىسا مەسخرە ئارلاش گەپ قىمما

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号