باش بەت

ئادىلجان

6175يوللانما
135مەستانە

ئالمىنىڭ بۇ يىللىق ھەقىقىي بايراقدار يانفونى iPhone Xنىڭ سەپلىمىسىگە نەزەر

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 10:20 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا  تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاخىرى كەلدى! ئالما iPhone X دەپ ئاتىغان (يەنى iPhone 10) يانفون دەل خەۋەرلەردىكى «تولۇق ئېكرانلىق» iPhone X. بۇ iPhoneغا 2436×1125لىك ئېنىقلىقتىكى OLED ئېكران سەپلەنگەن، ئالما ئۇنى Super Retina Display دەپ ئاتىدى. ئالما يەنە بۇ يانفوننىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى بىكار قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا Face ID چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىشلەتتى. 

iPhone Xنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاساسەن بۇرۇن تورلاردا ئاشكارىلانغان سۈرەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، HOME كۇنۇبكىسى ئېلىۋېتىلگەن، بۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىقتىدارى ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدىكى چەكمە كونترول رايونىغا توپلاشتۇرۇلغان. Touch ID بارماق ئىزى كۇنۇپكىسىمۇ ئېلىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ئورنىغا Face ID چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. 

Face ID بۇ يانفوننىڭ ئالدى تەرەپ ئۈستىدىكى تەسۋىر چوڭقۇرلۇقىنى سەزگۈچى كامېرا ئارقىلىق چىراي پەرقلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تارقىتىش قۇرۇلمىسى 30 مىڭ دانە ئۆلچەش نۇقتىسى تارقىتالايدۇ، ئابونتلارنىڭ چىراي ئۇچۇرىنى 3D شەكلىدە خاتىرىلەيدۇ ھەمدە پەرقلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭدا Touch IDغا ئوخشاش يانفون قۇلۇپىنى ئاچقىلى، Apple Payدا چىقىم قىلىشنى دەلىللىگىلى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ (مەسىلەن ئەمەلىي چىراي پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ھەرىكەتچان چىراي ئىپادىسى).

ئالما قۇلۇپ ئېچىش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە A11 بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان نېرۋا ماتورىدىن پايدىلانغان بولۇپ، سۈنئىي ئىدراك ۋە ماشىنىلىق ئۆگىنىش شەكلىدە يۇمشاق-قاتتىق دېتالنى بىرلەشتۈرۈ ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمدارلىقى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. A11 بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان نېرۋا ماتورىدا ئىككى دانە بىر تەرەپ قىلغۇچ يادروسى بار بولۇپ، ھەر سېكونتتا 600 مىليارد قېتىم بۇيرۇق ئىجرا قىلالايدۇ ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلالايدۇ. 

شۇڭا ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ، ئالمىنىڭ Face IDسى تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ، ئابونتلار كۆزئەينەك تاقىۋالغان ياكى ساقال قويىۋالغان تەقدىردىمۇ چىرايىنى بىمالال پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭقۇر قاتلاملىق ئۇچۇر خاتىرىلەيدىغان بولغاچقا، ئالدامچىلار يانفون ئىگىسىنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىپ Face IDنى ئالدىيالمايدۇ. 

iPhone Xگە مېتال ئوتتۇرا رامكا ۋە ئەينەك ئارقا قاپ ئىشلىتىلگەن، كۈلرەڭ ۋە كۈمۈش رەڭلىك ئىككى خىل نۇسخىسى چىقىرىلغان. ئالدى يۈزىگە 2436×1125لىك ئېنىقلىقتىكى OLED ئېكران سەپلەنگەن، HDRنى قوللايدۇ، ئالما ئۇنى Super Retina Display دەپ ئاتىدى. يان تەرەپتە Siri مەخسۇس چاقىرىش كۇنۇبكىسى بار، بۇ كۇنۇبكىنى قوش چېكىش ئارقىلىق Apple Payنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. 

كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان كامېراسىغا كەلسەك، iPhone Xقا 12 مىليون پىكسىللىق ئۇزۇن-قىسقا فوكۇسلۇق قوش كامېرا سەپلەنگەن. ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭ ۋە ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى سېنزور ئىشلىتىلگەن ھەمدە ئىككىلا كامېرا ئوپتىكىلىق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭغا 4LED قوش ئىسسىق رەڭلىك چاقناش چىرىغى سەپلەنگەن. كۇنۇبكا بېسىش بىلەن سۈرەتكە تارتىشنىڭ ۋاقىت پەرقى نۆل. ئۆز تارىمنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا iPhone Xكە يەنە يەتتە مىليون پىكسىللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن ھەمدە ئۇنىڭغا كېيىنكى باسقۇچلۇق يورۇقلۇق تولۇقلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان. 

iPhone Xنىڭ ئىچىگە iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان A11 BIONIC بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ Qi ئۆلچىمىدىكى سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ. ئىچىگە ئورنىتىلغان باتارىيەنىڭ سىغىمىمۇ چوڭايتىلغان، ئالمىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى iPhone 7دىن ئىككى سائەت ئۇزۇن ئىكەن. كونكرېت سىغىمى ئېلان قىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالما يەنە Air Power ناملىق سىمسىز توك قاچىلاش ئاستى تاختىسىنى ئايرىم ساتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرلا ۋاقىتتا iPhone 8/X ،Apple Watch قاتارلىقلارغا سىمسىز توك قاچىلاشقا بولىدۇ. 

iPhone Xنىڭ 64GBلىق ۋە 256GBلىق نۇسخىسى چىقىرىلغان بولۇپ، 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 999 دوللار، بۇ يانفون 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号