باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ باشقىلارغا بەرگەن سوۋغاتلىرى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 10:48 6 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن قاتتىق قوللۇقى ۋە كەسكىنلىكى بىلەن مەشھۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە گۈللىنىش يولىغا قەدەم قويدى. دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا سوۋغات بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىراق، پۇتىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە بەرگەن سوۋغاتلارنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، پۇتىن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزوغا بىر دانە ساموراي قىلىچى سوۋغا قىلغان، بۇ قىلىچنى ياپونىيە تەڭرىقۇتى خىروكىتو 1928-يىلدىكى تەختكە چىقىش مۇراسىمىدا ئىشلەتكەن. پۇتىننىڭ مۇشۇ قىلىچنى تاللاپ ئابى شىنزوغا سوۋغا قىلىش كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. 

كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جائىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا، پۇتىنىڭ ئۇنىڭغا بىر زۇلپىقار سوۋغا قىلدى. بۇ زۇلپىقار چاۋشيەن دەۋرىدە سوقۇلغانىدى. ئۇنىڭ سوقۇلغان دەۋرىنى 18-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا كورېيە تېخى چاۋشيەن لىشى سۇلالىسىگە قاراشلىق ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى بۇ قىلىچنى ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتكەن، كېيىن رۇسىيەلىكلەر سېتىۋېلىپ رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن. «مال ئايلىنىپ ئىگىسىنى تاپار» دېگەندەك، بۇ زۇلپىقار بۈگۈنكى كۈندە مۇن جائىننىڭ قولىغا چۈشكەن. 

20115-يىلى 12-ئايدا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى رۇسىيەنى زىيارەت قىلدى. پۇتىن ئۇنىڭغا ئۇزۇن دەستىلىك قىلىچتىن بىرىنى سوۋغا قىلدى، قىلىچ غىلىپى كۆك ئارغامچا بىلەن بېزەلگەنىدى. قىلىچقا قارىغان ئادەمنىڭ تېنى شۈركەنمەي قالمايتتى. 

پۇتىن 2015-يىلى مىسىرنى زىيارەت قىلغاندا، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىغا كالاشنىكوۋ ئاپتوماتىك مىلتىقىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى. 

پۇتىن ياپونىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى كوئىچىرو گېنبا بىلەن كۆرۈشكەندە، ياپونىيە ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ئاكىتا ئىتى سوۋغا قىلدى، پۇتىن ئۇلارغا سىبىرىيە مۈشۈكى سوۋغا قىلىشقا ۋەدە قىلدى. ئاز كۈن ئۆتمەي، پۇتىن ئۇنىڭغا سىبىرىيە مۈشۈكى سوۋغا قىلدى. 

ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادورۇ 2015-يىلى رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا، پۇتىن ئۇنىڭغا بولىۋارنىڭ خەنجىرىگە ئوخشىتىپ ياسالغان خەنجەردىن بىرنى سوۋغا قىلدى. بولىۋار خەنجىرى ئەركىنلىككە، دېموكراتىيەگە، مۇستەقىلىققە ۋەكىللىك قىلاتتى. 

2013-يىلى 6-ئايدا پۇتىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلغا بىر پارچە رەسىم سوۋغا قىلدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ 1894-يىلى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئىدى. 

بىراق، 2006-يىلى مېركىل تۇنجى قېتىم زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغاندا، پۇتىن ئۇنىڭغا «ھەيۋە كۆرسىتىشنى» باشلىغانىدى. ئۇ مېركىلغا بىر ئويۇنچۇق ئىت سوۋغا قىلدى. ئەمما، مېركىل ئەزەلدىن ئىتتىن قورقاتتى. 

2003-يىلى 10-ئايدا، گېرمانىيەنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭلىسى شوردېرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، پۇتىن ئۇنىڭغا كۈمۈش ھەيكەل سوۋغا قىلغان. ھەيكەل مەشھۇر بالىلار چۆچىكى باش قەھرىماننىڭ ئوبرازى ئىدى. 

پۇتىنىڭ رۇسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پىرماكوۋنىڭ 85 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇنىڭغا كىرسىن ئوچاق سوۋغا قىلدى. قىزىق يېرى بۇرۇن پىرماكوۋنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنى «كىرسىن ئوچاق» دەپ چاقىراتتىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىرسىن ئوچاقنىڭ لاتىن تىلىدا«بىرىنچى» دېگەن مەنىسى باركەن. 

سابىق زۇڭتۇڭ ئومابانىڭ زامانىدا، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما پۇتىن ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش چىنە-چەينەك سوۋغا قىلدى. ئەمما، بۇنىڭ قانداق مەنىسى بارلىقى ئىككىيلەنگەن ئايان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەمى6 كۈن ئىلگىرى

    ئەخمەقلەر چىنە قاچا سوۋغا قىلغىنى يارشىۋېلىش مۇدىئاسى چىقىپ تۇرمامدۇ سىلەر بىرەسىگە چاي قويساڭلار دوس بۇلۋېلىش ئۈچۈن قويدىغانسىلەر ئەمما بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغاچقا چاي قۇيۇپ يۈرسە قالماشماس

  • شاخدىيار6 كۈن ئىلگىرى

    ئا،،كىرسىن ئوچاق،،بىلەن چىنە چەينەك،،،،سوغا قىلغىنى دەششەت كۈلكۈلۈك،،،،،

  • 138******596 كۈن ئىلگىرى

    كالىسى بەك ئىشلەپ كەتمەيدۇ بۇ قاتتىق قول رەھبەرنڭ ئىشلىگەن بوسا نېفىتقا تايانماي سانائەتنى يېزا ئىگىلىك نى تەرەققىي قىلدۇرتى

  • $ياسىنجان$6 كۈن ئىلگىرى

    ئوبامغا بەرگەن چىنە چەينەكنىڭ ئەنىسى روسىيە بىلەن ئامرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،سەللا بىخەستەلىك قىلسا چىنە چەينەك چىقىلغانغا ئوخشاش ،سەللا دىققەت قىلمىسا ئامرىكا رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدۇ دىگەن گەپ .

  • سۈكۈت6 كۈن ئىلگىرى

    ئالامەت كاللىسى ئىشلەيدۇدە پۇتىننىڭ ھەمىمسىنى بىر قوللۇق پىلانىلاپ بەرگەن سوۋغاتىلىرى …

  • باھادىر6 كۈن ئىلگىرى

    ئوباما بىلەن مىركىلدىن باشقىلىرىغا قىلغان سوۋغاتلار ھەقىقەتەن قىممەتلىككەن ، ئوباماغا چىنە قاچا سوغات قىلغىنى ئوبامانىڭ پەقەت قاتار چاي ئويناشقىلى ماس كىلىدىغانلىقى بوشاڭ يارىماس يۇمشاق باش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويۇش ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号