باش بەت

ئادىلجان

5907يوللانما
34مەستانە

يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالمىنىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 10:32 8 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بىز ئائىلىمىزدە كۆرۈشەيلى!» تېمىسىدىكى ئالمىنىڭ 2017-يىللىق كۈز پەسىللىك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆز قەرەلىدە ئالمىنىڭ يېڭى باش ئىشتابىنىڭ ئىچىدىكى سىتىۋ جوبىس تىياتىرخانىسىدا ئېچىلدى، ئالما بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رەسمىي ھالدا Apple Watch 3 ،Apple TV 4K ،iPhone 8 ،iPhone 8 Plus ۋە iPhone X قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى. گەرچە بۇ قېتىم كۆپ خىل يېڭى مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يېڭىلىقلار كۆپ ئەمەس، نۇرغۇن مەزمۇنلار خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلىنىپ بولغان. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئانچە چوڭ يېڭىلىقلار بولمىغان بۇ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئالمىنىڭ پاي باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. 

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ بولغان بولسا كېرەك، ئلامىنىڭ پاي باھاسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 162.61 دوللارلىق باشلىنىش باھاسى گەرچە ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما بازار ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالمىنىڭ پاي باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. 

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلانغاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ پاي باھاسىدا ئازراق ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 163.96 دوللارغا ئۆرلەپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى بازار يېپىلغان ۋاقىتتىكى باھاسىدىن ئېشىپ كەتتى. 

ئەمما مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئانچە چوڭ يېڭىلىقلار بولمىغاچقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى بولغاي، مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئالمىنىڭ پاي باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى، 14:16دە ئالمىنىڭ پاي باھاسى 163.47 دوللارغا چۈشتى، ئارقىدىن جىددىي تۆۋەنلەپ، 15:01 ئۆتكەندە 159.16 دوللارغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 158.77 دوللارغا تۆۋەنلىدى. 

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالمىنىڭ پاي باھاسى ئازراق ئۆرلەپ، 160 دوللارغا چىقتى، ئەمما 160.82 دوللارلىق بازار يېپىلىش باھاسى يەنىلا ئالدىنقى كۈنىدىكى 161.5 دوللارلىق بازاردىن 0.68 دوللار تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلەش كۆرسەتكۈچى %0.42 بولدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېخانىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ كىنىشكىسى بار ماختايدىغانلار نەگە كەتتىكىنا

  • Az KalDi1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئەڭ ياخشىسى شىياۋمى mix ئالاي جۇما. پۈتۈن ئىكران، ئايفۇننىڭ پۇلىغا ئۈچ تال كىلىدۇ. ئاخسا تۇتۇپ قويىمىز

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    جۇبىستىن كېين تېخنىكا ئۆزگۈرۈشى كۆپ ئەمەس تاشقى كۆرىنىشى ئۆزگەردى شۇ باھاسىنىڭ قىمەتلىگى يەنلا شياۋمى تېلېفونى ياخشى باھاسى ئەرزان ئىقتىدارى كۈچلۈك

  • 137******841 ھەپتە ئىلگىرى

    ناۋادا ئالمىنى قوش كارتا قىلىپ چىقارسا 1000 يۈەنلىك مىيزۇچىلىك بۇلالمايدۇ

  • Hell Boy1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىرغىچە iphone3,4s,5,6,7 لەرنى ئىشلەتتىم، ھازىر ئىشىتىۋاتقىنىممۇ iphone7 . راستىنى دىسەم iphone4 تىن كىيىن ئالمىدا بارماق ئىزى تونۇش بىلەن، ئىكراننىڭ چوڭايتىلغىنىدىن باشقا ئانچە چوڭ يىڭىلىق بوپ باقمىدى. بوپمۇ ماۋۇ iphone X تا ۋاي دىگۈدەك بىرەر يىڭىلىق يوقلىقىنى كۆرەپ تېخىمۇ ئۈمۈتسىزلەندىم، ئالمىنىڭ شۇ ios سىستىمىسىنى دىمىسە ئەتىۋارلىغۇدەكمۇ يېرى قالمىدى، ھېچ بولمىسا قوش كارتا تونسىا لايھەسىگە ئاز تولا ئۆزگەرتىش كىزگۈزسىچۇ. قارغاندا ئالمىنىڭ شانلىق دەۋرى جوبىس بىلەن كەتكەن ئوخشايدۇ. شۇ تاپتا ئويلاپ قېلۋاتىمەن، قېنى iphone5 تىن باشلاپ بىز كۈتكەن ئىكراننى تامغا چۈشۈرۈش؟ قېنى يەنە بىز كۈتكەن مەھۇم كۇنۇپكا تاختىسىى ئۈستەلگە چۈشۈرۈش دىگەندەك ئىقتىدارلا؟ مۇشۇنداق كونىنى ئازراق پەردازلاپ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىۋەرسە ئالما ھامان بىر كۈنى تىم كوك نىڭ قولىدا ۋەيران بولغۇدەك.

  • كىنوخۇمار1 ھەپتە ئىلگىرى

    جوبىس گۆرىدە تىرىك تۇردىغان بولدىدە،

  • كۆڭلۈم1 ھەپتە ئىلگىرى

    تىشىنى ئۆزگەرتپلاپ باھاسىنى قوشاپ ساتسا مانا مۇشۇنداق چۈپ كىتىدۇ ،ئالما پەرەسلەر ئىنكاس يىزىڭلار مىشەگە تۇققىنىڭلىنىڭ شركىتىنى ماختاپ ،يەنىلا دۆلىتىمزنىڭ تىلپونىغا يەتمەيدۇ،يەتتە سەككىز دەپ ئوخشاش نەرسگە باشقا ئىسم قويىۋەرسە مۇشۇنداق مات بولىدۇ

  • 3.141 ھەپتە ئىلگىرى

    يېڭى ئالمىنىڭ ۋاھ دىگۈدەك نەرى باركەن؟مەن ھېچ تاپالمىدىمغۇ؟ھېس قىلغانلار بىر تىللىماي چۈشەندۈرۈپ قويامسىلەر؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号