باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

بېلگىيەلىك دېھقانلار دېڭىز ساھىلىغا يىغىلىپ قالغان بانانلارنى خۇشاللىق بىلەن يىغىۋالدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 10:32 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېلگىيەدىكى بىر كەنتنىڭ دېڭىز ساھىلىغا بىر كېچىدىلا نۇرغۇن بانان يىغىلىپ كەتتى. يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر دېڭىز ساھىلىغا سەيلىگە كەلگەندە دېھقانلارنىڭ بانان يىغىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ئەسلىدە بىر يۈك پاراخوتى بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ يۈك ساندۇقلىرى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ ساندۇقلارغا قاچىلانغان بانانلارمۇ قىرغاققا چىقىپ قالغانىكەن.

يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن دېھقانلار كېلىپ بانانلارنى ئېلىپ كەتتى. قوشنا يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەر تېخى بانانلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كەلدى.

بەزىلەر بانانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرى سېتىۋەتتى. بىراق، بېلگىيەدەك يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بانانغا شۇنچە ئامراقلىق قىلىشى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل2 ئاي ئىلگىرى

    سۇلۇق شاپتۇلنىڭ ئوغىرىسى جىق

  • تەدبىركار2 ئاي ئىلگىرى

    بىكالىق ياخشى نەرسىگە ھەممە ئادەم قىزىقىدۇ…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号