باش بەت

ئادىلجان

6843يوللانما
70مەستانە

ئالما ئەڭ يېڭى يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچىسى A11نى ئېلان قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 10:49 4 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىللىق مۇھىم پەيت يېتىپ كېلىپ iPhone 8 بىز بىلەن ئاخىر يۈز كۆرۈشتى، يەنە تېخى iPhone 8 Plusمۇ بار، سىز بۇ ئىككىسىنى iPhone 7 ۋە 7Plusنىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، پەقەت ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن خالاس. بۇ ئىككى يانفوندىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلانما ئۇلارغا ئەڭ يېڭى A11 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى A10دىن ئېنىقلا تېخىمۇ كۈچلۈك. ئالما مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا A11نىڭ CPU (ئالتە يادرولۇق CPU) ئىقتىدارى A10دىن %25 ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئۇنىڭدىن باشقا A11دىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولسا ئۇنىڭ ئىچىگە ئالما مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان GPU سەپلەنگەن، ئورگان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بۇ GPUنىڭ سۈرئىتى ئالدىنقى ئەۋلاد نۇسخىسىدىن %30 تېز ئىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى مۇستەقىل ISPنىمۇ ئالما ئۆز ئالدىغا ياساپ چىققان، ئۇ ئاجىز يورۇقلۇق ياكى قاراڭغۇ مۇھىتتىمۇ يورۇقلۇق كىرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. 

ئاخىرىدا ئالما A11نىڭ ARنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچتا 4.3 مىليارد دانە كىرىستال لامپا بار، سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك خۇاۋېي ئورگان تەرەپ ئۆزىنىڭ Kirin 970 بىر تەرەپ قىلغۇچىدە 5.5 مىليارد دانە كىرىستال لامپا بارلىقىنى ئېيتقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • رادىل2 ئاي ئىلگىرى

    بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچىكەن ئۇنى دىمەپتىغۇ

  • 181******802 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ئەڭ يۇقرى قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە ئەڭ يۇقرى

  • ئومەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئوپپو نڭ 20 مليۇن پكسل ئالمنڭ 10 مليۇنې لن تەڭ بۇلامغان دەكلا ئېش بۇ

  • مۇساپىر.2 ئاي ئىلگىرى

    دېمەك ، ئالمابىر تەرەپ قىلغۇچ ياساش ساھەسىدە خۇۋاۋېينىڭ كەينىدە ئىكەن دە ياكى بەلكىم ئالما شىركىتى ياسىغان بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كىرىستال لامپا سانى.خۇۋاۋېينىڭكىدىن ئاز بولغان بىلەن بەلكىم ئىقتىدارى ئۇنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号