باش بەت

zefer

590يوللانما
33مەستانە

JP Morgan Chaseنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىت تەڭگىسىنى تەنقىد قىلدى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:40 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

JP Morgan Chaseنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېمى دىمون (Jamie Dimon) بىت تەڭگىسى ۋە پۈتكۈل رەقەملىك پۇل كەسپىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «ئالدامچىلىق» دەپ ئاتىدى. دىمون بېركلېي بانكىسىدا رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنىدا بىت تەڭگىسىنىڭ قىممىتىنىڭ تېز ئېشىشىنى 17-ئەسىردىكى كۈركۈم گۈلى كۆپۈكىگە ئوخشاتتى ھەمدە بۇ خىل مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن پۇلغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىت تەڭگىسىنىڭ قىممىتى تېز ئاشتى.

دىمون مۇنداق دېدى: «بىت تەڭگىسى ئاخىرقى ھېسابتا بەربات بولىدۇ. ئۇ بىر مەيدان ئالدامچىلىق . ئۇ كۈركۈم گۈلى كۆپۈكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.»

دىمون شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مورگان قارمىقىدىكى ھەر قانداق بىر بىت تەڭگىسى سودىسىغا چېتىشلىق خادىمنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ «نادان» لىقىنى بىلدۈردى.

دىمون 12-سېنتەبر تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىت تەڭگىسى ھەقىقىي نەرسە ئەمەس، ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ھايانكەشلىك، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق.»

ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 12-سېنتەبر بىت تەڭگىسى تەخمىنەن %2 چۈشۈپ، 4107 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلغان. 8-سېنتەبر بىت تەڭگىسى 5000 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتكەن، لېكىن جەزىملەشتۈرۈلمىگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىت تەڭگىسى سودا بىرژىسىنى تاقاش پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىت تەڭگىسى %18 چۈشۈپ كەتكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە مەۋھۇم پۇل تارقىتىپ مەبلەغ توپلاشنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، بارلىق رەقەملىك پۇللار زەربىگە ئۇچرىغان . 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بانكىرنىڭ بىرى تۇيۇقسىز بىت تەڭگىسى ۋە باشقا مەۋھۇم پۇللارغا كۈچلۈك زەربە بەرگەندىن كېيىن، ۋال كوچىسى ئۇنىڭ سۆزىگە تېزدىن ئىپادە بىلدۈردى . 

بىت تەڭگىسى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ETH پۇلىنىڭ قىممىتى 12-سېنتەبر %3كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى، 289 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلدى.

لېكىن بۇ يىل ھازىرغىچە بىت تەڭگىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە بىت تەڭگىسىنىڭ قىممىتى %300 ئاشتى.

ETH پۇلى 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن قىممەتتىن %3600 ئېشىپ، ئەنئەنىۋىي پاي چېكىنىڭ پايدا نىسبىتى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇردى.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، دوۋ  جونېس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇ يىل %12كە يېقىن بولدى، S&P 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %11دىن ئېشىپ كەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号