باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
3مەستانە

ئايال شوپۇر ماشىنىسىغا سوقۇلغان بۆرىنى كۆرۈپ قېتىپلا قالدى​

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:16 5 ئىنكاس چۈشتى


چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ ئەردەرىدىكى بىر ئايال شوپۇر Knox ماشىنىسىدا ئىشقا كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىن تۇيۇقسىزلا بىر بۆرە چىقىپ قالغان. ئۇ ماشىنىنى ئەگىتىش ياكى تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن، چۈشۈپ قاراپمۇ باقماي ھەيدەپ مېڭىۋەرگەن.

20 مىل (تەخمىنەن 30 كىلومېتىرچە) يۈرگەندىن كېيىن، ئۇ بۆرىنىڭ ماشىنىنىڭ ئالدىغا قىسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن قاراپ باقاي دەپ ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگە، بۇ جانىۋار ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ».

ئاندىن ئۇ بۇ ئىشنى ئالبېرتا بېلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئورنىغا مەلۇم قىلغان، ئۇلار بۇ بۆرىنى قۇتقۇزۇشقا خادىم ئەۋەتكەن. خادىملار تەكشۈرۈپ، بۆرىگە ھېچقانداق زەخمەت يەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان، ئاندىن ئۇنى كاناناسكىغا ئاپىرىپ تەبىئەتكە قويۇۋەتكەن.

Knox ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ خەۋەرنى 9–چېسلا ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان، ئاندىن تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسى قايناپ كەتكەن، بىردەملا 40 مىڭغا يېقىن ئىنكاس چۈشكەن ۋە 150 مىڭ قېتىم تارقىتىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەشقەچى2 ئاي ئىلگىرى

    تويوتا ماشىنلىرنىڭ ماندامۇ ئىقتىدارى با دەيلى قايسى ھايۋان چىرايلىق كۆرەنسە بىر سوقاپلا تۇتۇپ ماڭىدىغان

  • Rossey2 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تۇرى ئالامەت تېزكەن ھە ،خەنزۇچە خەۋەرنى كۇرۇپ بۇلۇپ نۇر تۇرىغا كىرسەم بۇ خەۋەر تەرجىمە قىلىنىپ چىقىپ بۇپتۇ ………………

  • ئاۋۇت2 ئاي ئىلگىرى

    ئەجىلى توشمىغان بۆرىكەن ھايات قاپتۇ

  • بەگزادە2 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا باۋشىيەنگاڭنىڭ رولىدە بۇ

  • ئومەر2 ئاي ئىلگىرى

    موجزمۇ بۇ يا بورمۇ جېن مۇ ئڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号