باش بەت

ئادىلجان

5923يوللانما
34مەستانە

يېڭى iPhone چىقىپلا iPhone 6S ۋە iPhone 7نىڭ باھاسى زور چۈشۈرۈلدى

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:30 20 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone 8 ۋە iPhone X بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 1دە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئەلۋەتتە بۇ بۇلتۇرقى كونا نۇسخىدىكى iPhone 7 بىلەن iPhone 7 plusنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

iPhone X شۈبھىسىزكى بىر ئالىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات، ئەمما 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان باھاسى ئادەمنى سەل ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى 32GBلىق نۇسخىدىكى iPhone 7نىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى 549 دوللار (سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 3584 يۈەن)، iPhone 7نىڭ باھاسى 669 دوللار (تەخمىنەن 4370 يۈەن)، دېمەك ئىلگىرىكى باھاسىغا قارىغاندا 100 دوللار تۆۋەنلىدى (تەخمىنەن 652 يۈەن).

ئېلان قىلىنغان iPhone 8 ۋە iPhone 8 plusنىڭ باشلىنىش باھاسى 699 دوللار (تەخمىنەن 4563 يۈەن) ۋە 799 دوللار (تەخمىنەن 5220 يۈەن). ئەمما سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە iPhone 7دىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. پەقەت يېڭى رەڭلەر ئىشلىتىلگەن ھەمدە سەپلىمىسى ئەلالاشتۇرۇلغان. ئەمما باھاسى iPhone 7دىن 150 دوللار (تەخمىنەن 980 يۈەن) قىممەت. شۇڭا ئەگەر بۇ يىللىق iPhone سىزنى جەلب قىلالمىغان بولسا، iPhone 7نى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇنقى يىللاردا ئىككى يىل بۇرۇنقى بايراقدار يانفون بىۋاستە سېتىشتىن توختىتىلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم iPhone 6s بىلەن 6s Plusنىڭ باھاسىمۇ 100 دوللار تۆۋەنلىتىلدى، نۆۋەتتىكى باشلىنىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 449 دوللار (تەخمىنەن 2933 يۈەن) ۋە 549 دوللار (تەخمىنەن 3584 يۈەن).

iPhone SEنىڭ باھاسىمۇ 50 دوللار (تەخمىنەن 326 يۈەن) چۈشۈرۈلدى، باشلىنىش باھاسى 349 دوللار (تەخمىنەن 2278 يۈەن)، دېمەك iPhone SE تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئەرزان iPhone غا ئايلاندى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەبنەم6 كۈن ئىلگىرى

    نامسىز توغرا دىدىڭىز ئالما ئىلىش ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتىدىغان ھەتتا ئالما ئەپ بېرىمەن دىسە كوچىدا يالىڭاچ يۈرىدىغان ئەخمەقلەر يەنە چىقارمۇ

  • ئەفسۇس6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئالما تۆتتىن باشقىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن

  • ھاشىم تاقتاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالمىخان دەپ ئاڭلىدىم
    بىلىمنى مەھكەم باغلىدىم
    ئالمىخانغا سەپ سىلىڭلار
    ئوڭ قىشىدا مىڭىبار
    ۋاي ۋاي جىنىم ئامخانەي
    قايسى باغنىڭ گۈلىسەنەي
    .....

  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما7نى 3800يۈئەنگە ئالغىلى بىر ئاي بولغان تېخى باھاسى چۈشىدىغان بولدىدە

  • راۋان1 ھەپتە ئىلگىرى

    6s ھەققەتەن ئىسل تېلېفون ئالما 7 مۇ با مەندە لىكىن 6 s نى ياخشىراق دەپ ئۇيلايمەن

  • ئەركىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي دوسلار قايسى ماركىلىق تىلفۇنىىڭ ياخشىلىقنى بىلمەمسىلەر مەن ئىشەنمەيمەن قەستەت ئىيتىشىدىكەن بەزىلەر بۇيى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دىگەن ئەسلى مۇشۇ ئۇخشىمامدۇ ئالما

  • RepLay.❤1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما تىلفون بەك ئەپچىل شۇ يىرىنى ياقتۇرمەندە

  • Az KalDi1 ھەپتە ئىلگىرى

    قولۇمدىكى تىلىفۇننى 1300 ئالغان 2 يىل بولدى. قورساق ئاغرىقىم يوق

  • LinKin Park1 ھەپتە ئىلگىرى

    قەيەرىنى دەيدىغاندۇ شۇ ئالمىنىڭ راسلا بەك ھەيران قالىمە ،

  • مىھمان بىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    تالاشقىدەك نىم بار ھەممە ياقتۇرغاننى تۇتدۇ ئەلۋەتتە ئالما ئەزان دەپ ئالمىلا يەپ ئولتاغىلى بولماس ئالمىنىڭ دالا ئىقتىدارى قانداق قار نوجىياغا يىتەمدۇ يەنە ئىپ يۈرۈش ئەپلىكمۇ ياكى مەندە ئالما دىگەندەك چاڭگاللاپلا يۈەمدۇق شۇڭا سىقىڭ توختاپ قال

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号