باش بەت

durdana

1066يوللانما
56مەستانە

لورېن مودېل مۇسابىقىسىدە ماھىرلار مىغىلداپ تۇرغان قۇرتنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ ماڭدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:45 8 ئىنكاس چۈشتى

3-نۆۋەتلىك لورېن مودېل مۇسابىقىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە مودېللىق ئارزۇسى كۈچلۈك 16 قىزچاق قاتناشتى، ئىتالىيەلىك رېژىسسور ئۇلارغا «قۇرتلۇق يول» تەييارلاپ قويغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇلاردىن يالاڭئاياغ مېڭىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ «قۇرتلۇق يول» ئونمىڭلىغان كەتمەن قوڭغۇزىدىن ياسالغان بولۇپ، قىزلار بۇ ئەھۋالنى بىلمەيلا بۇ يەرگە كەلگەن.

بۇ ئىتالىيەلىك رېژىسسورنىڭ مەقسىتى قىزلارنىڭ چەكلىمىدىن ھالقىش، قورقۇنچىنى يېڭىشى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇلارنىڭ كەسپىي روھقا ئىگە بولۇشىنى، مەيلى قانداقلا خەتەرگە يولۇقسۇن چوقۇم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مودېل مېڭىشنى تاماملىشىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىكەن. لېكىن بۇمۇ بىر خىل ئادەم قىيناشتە، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق پىسخىكىلىق تەييارلىقى يوق.

مەيداندىكى بەزى قىزلار قورققىنىدىن يىغلاپ كەتكەن، لېكىن يەنە بەزى قىزلار ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتى بىلەن قۇرتلار ئۈستىدىن مېڭىپ ئۆتكەن، يىقىلىپ چۈشسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن، ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن جېنىنى تىككەن.

سۈرەتتە مودېل قۇرتلۇق يولدا ماڭماقتا.

يىقىلىپ چۈشتى، مودېل ئاستىدىكى قۇرتلارنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى، لېكىن يەنىلا كۈلۈمسىرىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق ماڭدى.

يىقىلىپ چۈشسىمۇ قۇرتلارغا كۈلۈمسىرەپ بېقىۋاتقان قىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇنجى مۇھەببەت ❤2 ئاي ئىلگىرى

    ما ئىشنى كۆرۈپ قۇسقۇم كەپ كەتتى،،، ھۆ

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىت كەتمەن قوڭغۇزلار ئوتتۇز ھەرىپ

  • سىمبۇرۇت2 ئاي ئىلگىرى

    بىچچارە مودللار

  • ئاسىيە2 ئاي ئىلگىرى

    ھېي مەن بولغان بولسام ھەرگىز ماڭالمايتىم ! مەن قۇرت -قوۇغۇزلاردىن بەك قورقۇمەن ،،،،،بۇلارنى مۇشۇنداقمۇ قىينىغان بارمۇ ؟؟؟؟ ماۋۇ قىزلار بەك يامانكەن ،،،

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ سەل چەكتىن ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق ئەگەر مەن بولغان بولسام مودىللىقتىن ۋاز كىچىشكە رازى ئىدىمكى ھەرگىزمۇ ئۇ قۇرۇتلانى دەسسەپ ماڭمىغان بولاتتىم

  • قەقنۇس2 ئاي ئىلگىرى

    نىمدىگەن قورقۇنۇشلۇق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرپ مەن قۇرت قوڭغۇزلادىن بەك قوقىمەن مەن بولسام قوققاندىن قېچىپ كىتەمەنكەن

  • 嘻嘻哈哈2 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەپ ۋەھىمىلىك كىنولادەك

  • ☆ guL七ra丫↶ ͡☆2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي ئانام ۋاي ئاتام ئەمدى بۇ رىژىسسورلارنىڭ ما قىلىقىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号