باش بەت

رىۋايەت

42يوللانما
9مەستانە

بۇ يىل ئېنتىرنېت ساھەسىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلار (بىرىنچى قىسىم)

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:12 0 ئىنكاس چۈشتى

ئېلىكترونلۇق سودىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن، نۇرغۇنلىغان كارخانا ۋە شەخىسلەر بەس-بەستە بۇ ساھەگە كىرمەكتە. بىراق بۇ يولنى مېڭىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. تۆۋەندە بىز بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋەيران بولغان بىر قىسىم ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

1.  جىڭدۇڭ كۇمەي (京东酷卖)

سۇپا خاراكتىرى: نىمكەش مال سودىسى

بۇ يىل 2-ئايدا ، جىڭدۇڭ تەرەپ نىمكەش مال سودىسى قانىلى جىڭدۇڭ كۇمەي (京东酷卖) نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ئاساسەن جىڭدۇڭ بىلەن ھەمكارلاشقان مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلار تەمىنلىگەن ئىسكىلات قالدۇقى ۋە بەزى خېرىدارلار قايتۇرغان مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان سودا سۇپىسى . سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار يېڭى بولمىغاچقا، يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەپسىز مال قايتۇرۇشنى قوللىمايدۇ.

بۇ سۇپا ئېچىلىپ تۆت ئايدىن كىيىن، يەنى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تاقالدى.

ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرۈشى: كەسىپ شەكلىنى تەڭشەش ئۈچۈن. 

رىۋايەت تەھلىلى:نىمكەش مالنىڭ ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس، مەھسۇلاتتا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلسە سۇپا تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىرى بولىدۇ.

جىڭدۇڭ ئەزەلدىن سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن، شۇڭا بۇنى تاقىۋىتىشىنىمۇ توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ.



2.  قارشى قىرغاق (彼岸)

سۇپا خاراكتىرى: دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى

بۇ سۇپا 2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاخىرەتلىك كىيىم، كۈل قۇتىسى ،گۈلچەمبىرەك قاتارلىق دەپنە بۇيۇملىرىنى سېتىشنى ئاساس قىلغان ھەمدە قەبرە ئورنى، مۇراسىم ۋە ماشىنا مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا تۇنجى دۇكىنى ئېچىلغان، تور سۇپىسى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئىشقا چۈشكەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، شۈشياۋپىڭنىڭ پەرىشتە مەبلىغىنى قوبۇل قىلغان. بىراق بۇ يىلنىڭ بېشىدا تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


رىۋايەت تەھلىلى: ئەمەلىي دۇكاننىڭ تەننەرقى ئېشىپ كەتكەن، خېرىدارلارنىڭ تەكرار سېتىۋېلىشى بولمايدۇ (ئادەم كۈندە ئۆلمەيدۇ-دە).

خېرىدارلار ئادەتتە ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ئەپنى يۇيۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاپىتال بازىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان.

3.  جېيمەي تورى(借卖网)

سۇپا خاراكتىرى: مۇلازىمەت تەمىنلەش

جېيمەي تورى(借卖网) 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، چېگرا ئاتلىغان ماددىي ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى سىفاڭ گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدىكى تارماق شىركەت. بۇ شىركەت ئاساسلىقى خېرىدارلار ئۈچۈن مال مەنبەسى، سۈپەت تەكشۈرۈش،ئىسكىلات قالدۇقى باشقۇرۇش، ئىسكىلات باشقۇرۇش،زاكاس باشقۇرۇش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مەھسۇلات يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيتتى.

تاقىلىش سەۋەبى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈلەي پاراللىچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. دۆلەت ئىچىدىكى خېلى داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ بەك كۈچلۈك بولۇپ، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يۇيۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز تاقاشقا مەجبۇر بولغان.


رىۋايەت تەھلىلى: بۇ دۆلىتىمىز تارىخىدا خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك تاقىلىپ قالغان تۇنجى تورسودا سۇپىسى، شۇڭا سانلىق مەلۇماتلارنى بۇلۇت ساقلىغۇچتىلا ساقلىماي، كومپيۇتېردىمۇ بىر نۇسخا ساقلاپ قويۇش، بىخەتەرلىك سېستىمسى يۇقىرىراق مۇلازىمېتىر ئىشلىتىش كېرەك.

4.  ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى

سۇپا خاراكتىرى: ئورتاق ۋېلىسپىت

ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئابونتلار ئورگان تەرەپ ئەپى ئارقىلىق سايىلەپ (سكاننېرلاپ) ۋېلىسپىتنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ(99 يۈەن رەنە پۇلى ئېلىنىدۇ). ئورگان تەرەپنىڭ شۇ چاغدا ئېلان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: 6-ئايغىچە ئون شەھەردە 300 مىڭ ۋېلىسپىت قويۇش، يىل ئاخىرىغىچە 100 شەھەرگە كىرىش، ۋېلىسپىتنىڭ سانىنى ئۈچ مىليونغا يەتكۈزۈش.

بىراق بۇ يىل 6-ئايدا مەزكۇر تۈرنىڭ توختىغانلىقى ئېلان قىلىندى. 


رىۋايەت تەھلىلى: ئورتاق ۋېلىسپىت ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ مودا بولۇشقا باشلىغان، بۇنىڭ باشلامچىلىرىدىن موبەي بىلەن ofo ئەلى بابا ۋە تېڭشۈن تەرەپنىڭ غايەت زور سوممىلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن ھەمدە بايلىق مەنبەلىرى ئارقىلىق بۇ ئىككى شىركەتنى بۇ ساھەدىكى چوڭ كاتتىباشقا ئايلاندۇرغان. ئورتاق ۋېلىسپىتنىڭ توختالغۇ (توختىتىش ئورنى) مەسىلىسى ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغان، ئەمما موبەي بىلەن ofo ئاتاق دادىسى ئەلى بابا بىلەن تېڭشۈننىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كەتكەن. ۋۇكۇڭ ۋېلىسپىتى بازارغا سەل كېچىكىپ قالغان، ھەتتا بازاردىن ئۈلۈشىنى  تېپىش ئۈچۈن يانچۇقىدىكى پۇلنى سورۇپ دېگۈدەك تىرىشقان بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا مەغلۇب بولغان.

5.  يۇيۇ ئاپتوموبىلى

سۇپا خاراكتىرى: ئورتاق ئاپتوموبىل

يۇيۇ ئاپتوموبىلىنىڭ بۇرۇنقى شىركىتى بولسا يۇيۇ ئاپتوموبىل ئىجارىچىلىكى بولۇپ، 2014-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان. دەسلەپكى مەزگىلدە P2P غا ئوخشاش ئائىلە ماشىنىلىرىنى ئىجارە بېرىش شەكىلدە بازارغا كىرگەن. 2015-يىلى 10-ئايدا شىركەت ئىسمىنى «يۇيۇ ئاپتوموبىل ئىشلىتىمى» دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئىشخانا بىناسى، ئولتۇراق رايونى ۋە شەھەر سىرتىدىكى ساياھەت رايونلىرىدا 70 ماشىنا ئېلىش نۇقتىسى بەرپا قىلغان. شۇ چاغلاردا، بۇ شىركەتنىڭ 300دىن ئارتۇق ماشىنىسى بار ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ شىركەت مەزكۇر تۈرنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئابونتلارنىڭ ھېساباتىدىكى پۇلنى تولۇق قايتۇرىدىغان بولغان.


رىۋايەت تەھلىلى: ئورتاق ماشىنا شەكلى ئورتاق ۋېلىسپىتقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن مەبلەغ خەتىرى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۈر. يۇيۇ ئاپتوموبىلچىلىقى بۇرۇن ئاپتوموبىل ئىجارىكەشلىك قىلغان تەجرىبىسى بويىچە بۇ تۈرنى خېلى ياخشى ماڭدۇرغان. بىراق ئىچكى خەۋەرلەردىن بىلىشىمىزچە، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ مەبلىغىنى قايتۇرۋالغانلىقتىن، شىركەت تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان.

6.  يۇكۇ تېز ئېلىم(优库速购)

سۇپا خاراكتىرى: ئىستىمالغا پۇل قايتۇرۇش

يۇكۇ تېز ئېلىم (优库速购) بولسا شېنجىن يوۋكۇ تېز ئېلىم(优库速购) ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور سۇپىسى. مەزكۇر شىركەت 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 10 مىليون يۈەن، ئاساسلىقى ئىستېمال پۇلىنى ياندۇرۇش دېگەن شوئار بىلەن بازارغا كىرگەن. بىراق ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقالغان (بۇ يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى)



رىۋايەت تەھلىلى: مەزكۇر تور سۇپىسى شاخلىتىپ سېتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان، يۇقىرى سوممىدا پۇل قايتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن باشقىلارنى قىزىقتۇرغان. كېيىن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا خلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تاقالغان.

7. ئۆي زاكاز ئەپى (订房宝)

 سۇپا خاراكتېرى: توردا ياتاق زاكاس قىلىش


ئۆي زاكاز ئەپى (订房宝) 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 5- كۈنى بارلىققا كەلگەن، مەخسۇس بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىنى زاكاس قىلىدىغان ئەپ دېتالى. تىجارەت شەكلى: كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىن زاكاس قىلىنماي قالغان ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئەرزان بېرىش. ئوبېكتى: پۈتۈن كۈن ياتمايدىغان خېرىدارلار. 2014-يىلى جېشاڭ كاپىتالى، فېڭخۇ كاپىتالى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قاتارلىق ئۈچ مەبلەغ سېلىش ئورگىنىنىڭ ئالتە مىليون پەرىشتە مەبلىغىگە ئېرىشكەن؛ 2015-يىلى شەرق دېڭىزى، جېشاڭ كاپىتالى، فېڭخۇ كاپىتالى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ مىليون دوللارلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن؛ 2016-يىلى يەنە شەرق دېڭىزى، جېشاڭ كاپىتالىنىڭ ئون مىليونلۇق مەبلىغىگە ئېرىشكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا تىجارەتتىن توختىغان.

رىۋايەت تەھلىلى: ئۆي زاكاز ئەپى (订房宝) نىڭ خېرىدار ئوبېكتى ئېنىق، بىراق ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلەيدىغان بۇنداق خېرىدارلارنىڭ قايتا زاكاز قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن. شۇڭا بۇ شىركەتنىڭ تەشۋىقات ۋە باشقا جەھەتتىكى چىقىمى بەكلا ئېشىپ كېتىپ، ئاخىرىدا بۇ تۈرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.

يۇقىرىقىلار مېنىڭ توردىن يىغقان ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلىرىم، باشقا ھەرقانداق ماقالە ۋە تەتقىقاتتا ئاساس قىلىنسا بولمايدۇ، ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر بولسا تەنقىدىي پىكرىنى قوبۇل قىلىمەن.

 

                                                                                            --- ئاپتوردىن

 ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە رىۋايەت شىركىتىدىن تەرىپىدىن يوللاندى، ھېچقانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، شۇنداق قىلغانلار بايقالسا قانۇنىي يول بىلەن ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدايمىز.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号