باش بەت

ئىرپان

2031يوللانما
60مەستانە

كىيا K5 ساياھەت ئاپتوموبىلىنىڭ توكقا چاتىدىغان نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:49 1 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى رەسىمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كىيا ئاپتوموبىلچىلىقى K5 ساياھەت ئاپتوموبىلىنىڭ توكقا چېتىش شەكلىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسى (چەتئەلدە Optima Sportswagon Plug-in Hybrid دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشچە، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ 100 كىلومېتىردىكى ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى ئازلاپ 1.4Lغا چۈشكەن.

تاشقى قىياپەت جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىل ئادەتتىكى نۇسخىدىكى K5 ساياھەت ئاپتوموبىلى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىغان. پەرقى توكقا چېتىش شەكلىدىكى ئارىلاش ماتورلۇق تىپىنىڭ ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئورنىغا كۆك-يېشىل بېزەك كۆپەيتىلگەن، بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسىمىغا ECO Plug-in بەلگىسى قوشۇلغان.

ئىچكى بېزەكتە يېڭى ئاپتوموبىل ئادەتتىكى نۇسخىدىكى ماشىنا تىپى بىلەنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، بىراق توك قاچىلاش ۋە ساياھەتكە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مەركىزىي كونترول سۇپىسى ئورنىدىكى 8 ديۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكراندا ئېنېرگىيە سەرپىياتى، ئېنېرگىيە يۆلىنىشى ۋە ECO ھەيدەش دەرىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان قىلغان.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاش ماتور سىستېمىسى 2.0Lلىق ماتور ۋە ئېلېكتر ماتور گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىۋېرسال ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 205 ئات كۈچى، سىغىمى 11.2kWhلىك باتارېيە گۇرۇپپىسى سەپلەنگەن، 100 كىلومېتىردىكى ئۇنىۋېرسال ماي سەرپىياتى پەقەت 1.4L. ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەزرەت6 كۈن ئىلگىرى

    باھاسىنى دىمەپتىغۇ ئەمما ئىسىل ماشىنا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号