باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

تىرامپنىڭ قولى %85 ئامېرىكىلىق ئەرنىڭكىدىن كىچىككەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:50 9 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنى كىشىلەر دائىم قولى بەك كىچىك دەپ مازاق قىلىدۇ. ئۇ بىر ئىشلارغا ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاچقا، ئىلگىرى كۆپ قېتىم قولىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەنلىكى، ناھايىتى قالتىسلىقى، ئەمەلىيەتتە تېخى ئازراق چوڭلۇقىنى ئېيتقانىدى. 

1988-يىلى «نام-مەنپەئەت سورۇنى»نىڭ (Vanity Fair) مۇھەررىرى گىرايدون كارتېر SPY ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ تىرامپنى «بىر كېچىلا بېيىپ كەتكەن قىسقا بارماقلىق ئادەم» دەپ ئاتاش بىلەن تىرامپنىڭ قولىنى قىسقا دەپ مازاق قىلىشنى باشلاپ بەردى.

2015-يىلى 11-ئايدا كارتېر «<نام-مەنپەئەت سورۇنى>نىڭ مۇھەررىرىنىڭ خېتى» ئىستونىدا ئۆزىنىڭ تىرامپنىڭ قولىنى قىسقا دېگەندىن كېيىن پات-پات تىرامپتىن خەت كېلىپ تۇرغانلىقى، خەتتە تىرامپنىڭ ژۇرنالدىن يىرتىۋېلىنغان سۈرىتى بارلىقى ھەم سۈرەتتىكى بارماق بار ئورۇن چەمبىرەك ئىچىگە ئېلىنىپ: «ئۇنچە قىسقىمۇ ئەمەس» دەپ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ خەتكە: «راستىنلا شۇنداق قىسقا» دەپ جاۋاب يېزىپ ئەۋەتىۋەتكەنىدى.

2016-يىلى «نام-مەنپەئەت سورۇنى» يەنە بىر يۈرۈش سۈرەت ئېلان قىلدى. سۈرەتتىن قارىماققا تىرامپنىڭ قولى بەكلا كىچىك كۆرۈنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ سۈرەتكە تۆۋەندىكى يازما قوشۇپ قويۇلغانىدى: گەرچە تىرامپ قولىنى «چوڭ ھەم چىرايلىق» دەۋالغان بولسىمۇ، ئەمما قولىنى سىزغۇچ بىلەن ئۆلچەپ بېقىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بىز بىر يۈرۈش سۈرەتلەر ئارقىلىق تىرامپنىڭ بارمىقىنىڭ زادى قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇق» دېدى.

تىرامپنىڭ كىچىك قولى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 2016-يىللىق تۇنجى سايلام مۇنازىرىسىدىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) تىرامپنىڭ ئۆزىنى «كىچىك ماركو» دەپ ئاتىشىغا رەددىيە بەردى. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام رىقابىتى يىغىلىشىدا ماركو گەرچە تىرامپنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر كەلسىمۇ، ئەمما قولىنىڭ نېمە ئۈچۈن بوي ئېگىزلىكى 1.57 مېتىر كېلىدىغان ئادەملەرنىڭكىچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ تېخى: «سىلەر قولى كىچىك ئادەمگە قانداق ئىشىنىسىلەر؟» دېگەنىدى.

تىرامپ ئۇنىڭ بۇ گېپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، بوي ئېگىزلىكىنىڭ تەخمىنەن 190 سانتىمېتىر كېلىدىغانلىقى، قولىنىڭمۇ ئانچە كىچىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

سايلام مەزگىلىدە تىرامپ ئۆزىنىڭ قولىنى ئاقلاش بىلەنلا بولۇپ كەلدى. ئۇ قوللىغۇچىلىرىغا كۆپ قېتىم قولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ بىر جۈپ قول گولف توپنى تەخمىنەن 260 مېتىر يىراقلىققا ئۇرالايدۇ» دېدى. 2016-يىلى تىرامپ ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قولىنىڭ ناھايىتى نورمال، كۈچلۈك، قالتىس ۋە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇنداقتا، تىرامپنىڭ قولىنىڭ چوڭلۇقى زادى قانچىلىك؟

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدىكىلەر 2016-يىلى 3-ئايدا تىرامپ باج تالونىغا ئىمزا قويۇۋاتقاندا تارتىلغان سۈرەت ئارقىلىق ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىمەكچى بولدى.

بىراق، بۇ سۈرەتتە تىرامپنىڭ قولى قەغەز بىلەن كىچىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاچقا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمىدى.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ھوللىۋود خەۋەرلىرى گېزىتى چىقىرىش ئورنىدىكىلەر تىرامپ تۇسسائۇد خانىم موم ھەيكەل سارىيىدا قالدۇرغان قول ئىزىنى ئۆلچەش ئارقىلىق تىرامپنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدىن ئوتتۇرا بارمىقىغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تەخمىنەن 18.4 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ %85 ئامېرىكىلىق ئەرلەرنىڭ قولىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدىكىلەرمۇ مۇشۇ سانلىق مەلۇماتنى ئىشلىتىپ ماقالە چىقاردى.

ھوللىۋودتىكىلەر يەنە تىرامپنىڭ قولىنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى سىزىپ، ئۆلچەم بويىچە بېسىپ چىقاردى. بۇنداق بولغاندا ھەممە ئادەم قولىنى تىرامپنىڭ قولى بىلەن سېلىشتۇرالايدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭ قولىڭىز تىرامپنىڭكىدىن چوڭمىكەن، كىچىكمىكەن؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاش2 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا تايىنى يوق گەپكەن بۇ ھەم كۈلكىلىك بۇلۇپمۇ ژۇرنالدىكى سۈرىتنىڭ بارمىقى بار يىرىنى چەمبىرەككە ئېلىپ ئانچىمۇ كىچىك ئەمەس،دەپ خەت يېزىپ ئەۋەتكەن يەرلىرى، ئىشقىلىپ بىكاچى خەق ئوخشايدۇ ئاتايىتەن تۇتقان يىرىدىن ئىزنى ئېلىپ ئېنىقلاپ چىققان بولسا نىمە قىلدۇ دەيمە ئۇنى ئېنىقلاپ توۋا

  • مايمۇن2 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق تايىنى يوق ئادەملەر بۇ ھە ، مېنىڭچە بىرتوپ تۆۋەن ساپالىق ئادەملەرنىڭ تاپقان ئويۇنىمىكىن بۇ .

  • ئەسلىمە2 ئاي ئىلگىرى

    ھەجەپ قىززىق خەۋەركەنغۇ بۇھا ھا ھا

  • باران2 ئاي ئىلگىرى

    بىراقلا ئۆلچەپ چىقسا بوپتىكەن. يەنە نەرى كىچىك؟

  • LinKin Park2 ئاي ئىلگىرى

    بىژيەلىرى بىژ قايدايا بۇنىڭ ، نىمە كارىم مېنىڭ ئۇ تۇراپ بىلەن .

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدىكىلەرگە تەكلىپ : مۇمكىن بولسا cctv13 تىكى كۈندىلىك خەلىقئارا خەۋەرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يوللاپ تۇرغان بولساڭلار .

  • قىززىقچى2 ئاي ئىلگىرى

    بەك كۈلگۈم كەپكەتتىيا تۆۋۋە ،

  • جەسۇر09912 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىرگەپ دىسەم ، مىنىڭ تىرامىپنىڭ چېچىنى تۇتۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ،

  • خوتەنلىك2 ئاي ئىلگىرى

    ناھايىتى تايىنى يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号