باش بەت

ئابدۇرەھىم

569يوللانما
170مەستانە

دۇنيا نەق 10 يىل كۈتكەن iPhone ئاخىرى كەلدى: ياقتۇردىڭىزمۇ، ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ؟

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-سېنتەبىر كەچ سائەت 11:00دە، ئالما شىركىتى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر قاتار يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئەھلىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئەلۋەتتە iPhoneنىڭ ئون يىللىقىغا ئاتالغان يېڭى iPhone ئىدى.

ئون يىللىق كۈتۈش ئاخىرلاشتى.

iPhone Xنى بەزىلەر «ئايفون ئېكىس» دېسە، يەنە بەزىلەر «ئايفون ئون» دەپ ئاتاشتى. بىز بۇ «X» ھەرىپىدىن ئالما دۇنياغا بىلدۈرمەكچى بولغان نۇرغۇن يوشۇرۇن مەنىلەرنى بىلگەندەك قىلدۇق: ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئالما تارىخىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قىماردا ئۆزىنىڭ نامەلۇم كەلگۈسىگە بولغان بارلىق ئۈمىدىنى باغلىغان بۇ مەھسۇلاتىغا نامەلۇم ساننىمۇ بىلدۈرىدىغان X ھەرىپىنى ئىشلەتكەندۇ، ياكى ئالما ئۆزى ئاشكارا ئېيتقاندەك، رىم رەقىمىدە ئوننى بىلدۈرىدىغان «X»نى ئىشلىتىپ، iPhoneنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلىگەندۇ، ۋە ياكى ئالمىنىڭ بۇ مەھسۇلاتىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ياساپ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر iPhoneنى ئېلان قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان سادىق ئالما مەستانىلىرىنى خاتىرىجەم قىلىش مەقسىتىدە، تەلەپپۇزى «كونا مۇھەببەت»، «بۇرۇنقى قىز دوست» مەنىسىدىكى «Ex» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئوخشاش بۇ سۆزنى ئالاھىدە تاللىغاندۇ...

نېمىلا بولمىسۇن، ئالما بۇ يېڭى iPhoneدا ھەممىنى دوغا تىككەنلىكى، بارچە ئۈمىدىنى ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ زور دەرىجىدە يېڭىلانغان مۇشۇ iPhoneغا باغلىغانلىقى ئاللىقاچان ھەممىگە ئايان.

يېڭى iPhoneنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر نەچچە سائەت بولدى، مۇشۇ پەيتلەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ گېپى بولۇۋاتقان، قۇلىقى ئەڭ قىزىغان نەرسە مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر ئۇنىڭ ئاجايىب كۈچلۈك ئىقتىدارلىرى ۋە سۈرەتتەك گۈزەللىكىنى مەدھىيەلەپ كۆككە كۆتۈرۈشسە، يەنە بەزىلەر قىممەت باھاسى ۋە «كۈتكىنىدەك چىقىمغانلىقى»دىن ئاغرىنىشماقتا. بۇ مەنزىرە بىزگە ناتونۇش ئەمەس، چۈنكى بىز بۇنى كۆرۈۋاتقىلى نەق 10 يىل بولدى ئەمەسمۇ؟

تىم كۇك يېڭى iPhoneنى ئېلان قىلىۋاتقاندا ئۆزىگە ۋە ھەممەيلەنگە: «سىتىۋ جوبىس ھايات بولغان بولسا iPhone Xنى ياقتۇرارمىدى؟» دەپ سوئال قويدى ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: «ئەلۋەتتە ياقتۇراتتى» دەپ جاۋاب بەردى.

خوش، سىزچۇ؟ سىز بۇ iPhoneنى ياقتۇردىڭىزمۇ ياكى ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ؟

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号