باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10301يوللانما
780مەستانە

ئەنگلىيەلىكلەر كىلاسسىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 11:52 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئەنگلىيەدە 20-نۆۋەتلىك گوۋدۋوۋد گۈللىنىش بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 1948-يىلدىن 1966-يىلغىچە بولغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرىنىڭ ئايلانما شەكىللىك مۇسابىقە يوللىرىدا گۈللەنگەن دەۋىرى تەبرىكلەندى. نەچچە يۈزلىگەن كىلاسسىك ئاپتوموبىللار رىقابەتلىشىپ، كۆرگەزمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە ياسىنىشى بىلەن مەيدان كەيپىياتىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بايرام 1998-يىلى باشلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ چوڭ تىپتىكى يىغىلىشىغا ئايلانغان. بۇ بايرام ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، تەبرىكلەش پائالىيتى ئىزچىل ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇراسىم بولسا كىلاسسىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئايلانما شەكلىللىك مۇسابىقىسى 20-ئەسىرنىڭ 40-، 60-يىللاردىكى مودا تۇيغۇسىنى نامايەن قىلىشتۇر. بايرامدا، 1966-يىلدىكى گوۋدۋوۋد ھالقىسىمان مۇسابىقە يولىنى تاقىۋېتىشتىن بۇرۇنقى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئاۋازى ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەينى ۋاقىتتىكى كىينىش ئۇسلۇبى بىلەن مۇكەممەل ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىگە ئايلاندى.

بايرامدا، 1966-يىلدىكى گوۋدۋوۋد ھالقىسىمان مۇسابىقە يولىنى تاقىۋېتىشتىن بۇرۇنقى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئاۋازى ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەينى ۋاقىتتىكى كىينىش ئۇسلۇبى بىلەن مۇكەممەل ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىگە ئايلاندى.

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تارىخىي خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ بىرى بولغاچقا، بۇ يىلقى گوۋدۋوۋد گۈللىنىش بايرىمىغا قاتناشقۇچىلارمۇ كىلاسسىك ئۇسلۇبتا ياساندى. گەرچە كۆپلىگەن قاتناشقۇچىلار قىزىق بولۇش ئۈچۈنلا ياسانغان بولسىمۇ، بىراق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى يەنىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ يىللىق نەپس كىيىم مۇسابىقىسىدىكى قىممىتى 1500 دوللارلىق (تەخمىنەن 120 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) مۇكاپات بۇيۇمى بولسا كېرەك. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号