باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2899يوللانما
33مەستانە

كىشىلەر موسكۋادىكى ئاۋات جايغا سېلىنغان باغچىنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ قىممەتلىكىدىن نارازى بولدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:22 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تور تەرجىمىسى: 

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋادىكى يېڭىدىن ياسالغان بىر باغچە شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. كىرېمىل سارىيىغا يېقىنلا جايدىكى بۇ باغچە بەئەينى بىر سىرلىق مۇز ئوردىسىغا ئوخشايدىكەن، كىرگەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، بىراق بۇ باغچىنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ قىممەتلىكى شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ باغچىنىڭ ئىسمى زاريادىيا باغچىسىكەن، باغچە موسكۋا دەرياسى قىرغىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سېلىنغان كاتتا مېھمانخانىنىڭ كونا ئورنىغا ياسالغانكەن. بۇ مېھمانخانا 2006-يىلى چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچى بىلەن شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ بۇ بوش يەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىگەچكە، نەچچە يىللاردىن بېرى ئىزچىل بىكار تۇرۇپ كەلگەنىكەن. بۇ يەرنىڭ بازار قىممىتى 1 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن (تەخمىنەن 6 مىليارد 527 مىليون يۈەن). 

موسكۋا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىبوۋىسكىي شەنبە كۈنى مۇخبىرلار بىلەن بۇ يەرنى زىيارەت قىلغاندا: «بۇ بوش يەر موسكۋادىكى ئاۋات بۆلەكتە، قىزىل مەيدان ۋە كىرېمىل سارىيىغا يېقىن، يەر مەيدانى 10 گېكتاردىن ئاشىدۇ، بۇ يەرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئېپى بولمىغاچقا، باغچە ياساپ چىقتۇق» دېگەن. 

ئۇ سۆزىنى تولۇقلاپ: «دەسلىپىدە، ھېچكىم بۇ يەرگە باغچە سېلىش ھەققىدە پىكىر بېرىشكە پېتىنالمىغانىدى، چۈنكى بۇ يەرنىڭ بازار قىممىتى 1 مىليارد 500 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتەتتى. ئەينى چاغدا، موسكۋانىڭ شەھەر باشلىقى سېرگىي سوپيانىن بۇ ئەقىلنى كۆرسەتكەندە، ھەممە ئادەم قاتتىق ھەيران قالدى. ئۇ، باشقا چوڭ شەھەرلەرنىڭ مۇشۇنداق قىممەت يەردىن ۋاز كەچكەن-كەچمىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولماسلىقىغا قارىماي، موسكۋانىڭ ئاۋات بۆلىكىدىكى بۇ يەرنى ئاممىۋى بوشلۇققا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ قارارى راستتىنلا ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى». 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوپيانىن موسكۋانى قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، زاريادىيا باغچىسى ئۇنىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمىكەن. ئۇنىڭ باشقا تەشەببۇسلىرى 62 مىليارد 100 دوللار چېقىش مەبلىغى ئاجرىتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان نەچچە مىڭ يۈرۈشلۈك ياتاق بىناسى چېقىش، 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ موسكۋانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كوچىلارنى ئۆزگەرتىش، 3 مىليارد 500 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ چەت رايونلارغا بارىدىغان تۆمۈر يول ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 

يېڭىدىن ياسالغان بۇ باغچىغا 244 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغانىكەن. بۇنى بىر مۆجىزە دېگىلى بولمىسىۇ، بىراق دۆلەتنىڭ زاۋاللىقتىن گۈللىنىش يولىغا قەدەم باسقان پەيتلىرىدە، بۇنچە كۆپ پۇلنى باغچە ياساشقا سەرپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号