باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

ھىندىستاندا بىر كالا ئالماس «تېزەكلىدى»

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:35 20 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 12-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستاندا غەلىتە ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق، ھىندىستاندا ناھايىتى مۇقەددەس بىر خىل ھايۋان، يەنى كالا بار. جۇڭگولۇقلار كالىنى يەر تېرىش ۋە سۈتىنى ئېلىشقا ئىشلەتسە، ھىندىستاندىكى كالىلار ئالماس تېزەكلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھىندى دىنى مۇرتلىرى كالىنى «مۇقەددەس» ھايۋان دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار تېخى كالىلارغا بىر ساناتورىيە قۇرۇپ بەرگەن. ھىندىستانلىقلار كالىغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇنداقتا، كالا ئۇلارغا قانچىلىك قىممەت يارىتىپ بېرىدۇ؟

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھىندىستاندا پەقەت كالىلارنىڭ سۈتىدىنلا پايدىلىنىشقا بولىدىكەن، ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىكەن. شۇڭا كالىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق، يېقىندا بىر سىرلىق كالا ئىگىسىگە چوڭ «خۇشاللىق» ئاتا قىلدى. دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇرىدىغان بۇ سىرلىق كالا بىر كۈنى 300 دانە كىچىك ئالماس تېزەكلىدى؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەسلەپتە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ بىمەنە ھېس قىلدى. بىراق، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. بىراق، بۇ كالا نېمە ئۈچۈن ئالماس تېزەكلەيدۇ؟ ئەجىبا، ھىندىستان كالىلىرىدا بىرەر خاسىيەت بارمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.

بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن كۆپچىلىك بۇنىڭ پەقەت بىر ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. دېھقانلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنىنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇلى بار بولۇپ، ھەرخىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئېلىپ-سېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېقىندا، ئۇ ئازراق كىچىك ئالماس سېتىۋېلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋەتمەكچى بولدى. بىراق، تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن ئالماسلارنى ئوت-چۆپ دۆۋىسى ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى. ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە ئالماس كۆمۈلگەن ئوتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كالا يەۋەتكەنلىكى، ئالماسلارنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ نۇرغۇن ئادەم كالىنى ئۆلتۈرۈپ ئالماسلارنى ئېلىۋالسىلا بولمىدىمۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ھىندىستاندا كالىلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. 

ئەھۋال مۇشۇنداق جىددىي بولۇۋاتقان پەيتتە دېھقانچىلىق مەيدانى غوجايىنى كالىغا ئازراق سۈرگە دورىسى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىرلىق كالا 300 دانە كىچىك ئالماس تېزەكلىدى. بىراق، ئالماسلارنىڭ كۆپ قىسىمى كالىنىڭ قورسىقىدا قالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ♡ F o R L i F e ♡6 كۈن ئىلگىرى

    ئەتىلەتتىن قوپاپ ،ئەدەم تۇغدى دە ھە كالىنى

  • يىگانە1 ھەپتە ئىلگىرى

    يۈرەك ھېندىستاندا كالنى ئىلاھ ئورنىدا كۆرىدۇ ،شۇڭا كالا گۆشى يىمەيدىكەن

  • يولۇچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي دەلتە كالا ، ئالماسلارنى ئاقبالداق ئوخشايدۇ دەپ يەپ قاپتۇ-دە ، ئىگسى ئۇنىڭدىن ئۆتە دەلتىكەن ، ئالماسلارنىمۇ ئوت-چۆپ دۆۋىسىگە يۇشۇرامدۇ ؟

  • تاق-تاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر چاغلاردا كالا تۇخۇم تۇغدى دەپ گەپ تاراتى ،ئەمدىلىكتە ئالماس تىزەكلىدى دەپ خەقنى ئەخمەق قىلسا كىممۇ ئىشىنىدۇ ! مۇشۇنداق تاراتقۇلارنىڭ ساراڭلاردەك جۆيلىشىگە ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ.

  • يۈرەك1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستانلىقلا كالا گۆشى يىمەيدىغان ئوخشىمامدۇ ؟؟

  • ئ‍ىھسان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ ھىندىستىمىز شۇندا غەلىتە نىم دىسەك ئ‍ىشىنىدۇ دەپ دەۋىرەمتۇ گەپنى بۇلا ، بەك تايىنى يوق .

  • رايلۇز1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمدى كالىغا تىخىممۇ ئىشىنىدىغان بۇلدى بۇلار.

  • شەھلا5151 ھەپتە ئىلگىرى

    راس ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ماۋزۇسىغا قاراپ

  • پىنھان1 ھەپتە ئىلگىرى

    شادلىق بىرەسى سىزگە راس دىدىما

  • ئۈنسىز يىغا ئەلىجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانى ئۇقۇپ ھىلقى ساڭقاڭ ئىشىكىم ساڭقاڭ دىگەن چۆچەك يادىمغا كالدىيا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号