باش بەت

durdana

1066يوللانما
56مەستانە

كورېيەدە بىر ئائىلىدىن 3 چولپان ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن قىزىمۇ ئۆلۈۋالماقچى بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:36 8 ئىنكاس چۈشتى

يېقىنقى يىللاردا كورېيەدە بىر بۆلۈك چولپانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى، كورېيەلىك چولپان جاڭ جايىئون ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىپ، 10 نەچچە پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان، ئۇنىڭدا 100 دىن ئارتۇق ئەرگە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى يېزىلغان.

يەنە ئىنتايىن ئالقىشلىق چولپان چوي جىنسىلنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىمۇ بار، لېكىن ئادەمگە غەلىتە تۇيۇلىدىغان يېرى ئۇنىڭ ئىنىسى چوي جىنيوڭ، بۇرۇنقى يولدىشى چوي سونمىن، ئالدىنقى ۋاستىچىسى پاك شاڭھو قاتارلىقلار ئارقىمۇ-ئارقا ئۆلۈۋالغان. چوي جىنسىلنىڭ چولپانلىق يولى راۋان بولغاندا ئۇ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىپ، چوي جىنيوڭ بىلەن توي قىلغان. ئۆيدە ئېرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا يولدىشى ئاشنا ئوينايدۇ، يەنە ئۇنىڭغا زوراۋانلىق قىلىدۇ، ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇ بالىلىرىنىڭ بېقىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

2008-يىلى ئەن گۈەنسوڭ ئۆلۈۋالىدۇ، بىرەيلەننىڭ كۆرسىتىشىچە، چوي جىنسىل ئۇنىڭغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرغان ئاندىن ئۇنى قەرزنى قايتۇرۇشقا قىستاپ، ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن، لېكىن چوي جىنسىلمۇ ئۆلۈۋېلىپ، ۋەسىيەتنامىسىدە مۇنداق يازغان: «دۇنيادىكى ئادەملەردىن بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم، نېمە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزكەن ئۇ؟ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىشلارنى سۆرەپ ئەكىلىپ، نېمىشقا مېنى قىينايدىغاندۇ؟» بۇنىڭدىن چوي جىنسىلنىڭ قانچىلىك ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

چوي جونسىل ئۆلۈپ كېتىپ 3 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى چوي جىنيوڭمۇ ئۆلۈۋالغان، كورېيەلىك چولپانلار جۇڭگولۇق چولپانلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەر دائىم كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، بەلكىم ئۇ ھەدىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۆلەنچۈكسىز قالغاندەك ھېس قىلغان، تۇرمۇش بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ بولالماي ئۆلۈۋېلىشنى تاللىغاندۇ.

چوي جىنسىل ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي چوي سونمىنمۇ ئۆلۈۋالغان، چوي جىنسىلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ياخشى كۈن بولمىغان، ھەر كۈنى ھەر خىل بەس-مۇنازىرىلەرگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغان، چوي جىنيوڭنىڭ ئۆلۈمى مۇنازىرىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ چىققان، ئاخىرىدا چوي سونمىنمۇ ئۆلۈمنى تاللىغان.

چوي جىنسىل ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالغان، لېكىن بۇ يىل 8-ئايدا قىزى چوي جۈنھى مومىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇزۇن يىل خورلاپ، ئەركىن بولۇشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قېلىپ، دائىم ئۆلۈۋېلىشنى خىيال قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدىن بىر ئائىلىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئارزۇيۇم31 ئاي ئىلگىرى

    ئۇئايال ھىلقى بىركىنو باتتى ئەڭ بۇرۇن تۇنجى كورىيەنىڭ كىنوسى قۇيۇلغاندا باش رول ئىلىپ چىققان مەن سىزگە ئاشىق دەپ شۇكىنودىكى ئايال رولچىغا بەك ئوخشايدىكەن

  • تىمتاس2 ئاي ئىلگىرى

    ئايال ئارتىسلانى چۈشنىش كەتمەيدۇ، نۇرغۇن كىنو فىلىم ، ھەم تىلۋىزيە تىياتىرلىردىن كۇرۇپ يىتەلەيمىزكى ، ئاياللا ئارتىس بولىمەن دىسە كەينىدە چۇقۇم بىر كۈچلۇك قول با (ئاشنا)
    ھىندىستانىڭ (بوللىۋۇتتىكى چولپانلا) دىگەن تىلۋىزىيە تىياتىرى، دە جەمىيەتنىڭ مۇشۇ تەرپىنى ئچىپ بەرگەن، كۇرۇپ باقساڭلا بولىدۇ،

  • .............2 ئاي ئىلگىرى

    كورىيە پولوسى ،نۇرداش ئۈزىڭىزلا بىر پولو تۇرۇقلۇق يەنە ئاچقالدىڭىزما،،ئەمسە نۇر تورىغا چىقماي تەماق يىۋېلىڭ

  • لانىس2 ئاي ئىلگىرى

    كورىيەنى بەك چۈشىندىغاندەك سۆزلەيدۇ جۇمۇ مۇشۇ بىر قىسىم تورداشلا لېكىن

  • كورىيە پولوسى2 ئاي ئىلگىرى

    بالىلا قوسىقىم ئېچىپ سەت قىينىلىپ كەتتىم ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن،يېنىمدا پۇلمۇ يوق تاماق يېگىلى،ئىككى كۈندىن ئېشىپ كەتتى،قوسىقىم ئاچ قالغىلى،بېشىم قېيىۋاتىدۇ

  • يىگانە2 ئاي ئىلگىرى

    كوريەدە ئاياللارنىڭ چولپان بۇلۇشى ئاسان ئەمەس ئۇلار چۇقۇم جىنسى جەھەتتىن بەدەل تۆلەيدۇ بولمىسا باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ ، بىر خەۋەردە كۆگەنتىم،ھازىرغۇ ھەممە يەردە شۇنداق بوپ كەتتى

  • خۇمارىم2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇلا ئۈچۈن كىنو چولپىنى بۇلۇش تەس ئەمەس 5 ئېغىز ئۆينى تاپسا ويدىن ئويگە كۈچەپ سىرتقا چىقماي 100 قىسىم كىنو نى
    ئىشلەپ چىقىدۇ بۇ خەخ

  • تۇمۇز2 ئاي ئىلگىرى

    كورىيەدە چولپان بولماق ھەممىدىن تەس سۆزچۆچەك بىلەن ئولتۈرۈپ قۇيىدۇ ئايال چولپان بولماق تېخىمۇ تەس ...............

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号