باش بەت

ئىرپان

2031يوللانما
60مەستانە

كىيا ​Picanto X-Line ئاپتوموبىلى فرانكىفورتتا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:17 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىللىق فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى رەسىمىي باشلاندى، كىيا Picanto X-Line ئاپتوموبىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى.

يېڭى ئاپتوموبىلدا قېنىق كۈلرەڭ ماسلاشتۇرۇلغان، ئىنچىكە جايىدا پارقىراق يېشىل رەڭ بىلەن زىننەتلەنگەن، 16 ديۇملۇق تۆت شادىلىق چاق گەردىشى سەپلەنگەن، ئالدى-ئارقا قوغداش تاختىسى كۆپەيتىلگەن ھەمدە يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 156mmغا يەتكۈزۈلگەن، بۇ مىكرو تىپلىق ئاپتوموبىلنى SUVغا ئىنتايىن ئوخشىتىپ قويغان.

ئىچكى بېزەكتە پارقىراق يېشىل رەڭ ئېلېمېنتى كۆپەيتىلگەن، تەكشى كۆپ ئىقتىدارلىق رول، ئاچقۇچسىز كىرىش، 7 ديۇملۇق لەيلىمە مەركىزىي كونترول ئېكرانى، ئارقىغا ياندۇرۇش تەسۋىرى، ئارقا رەت ئورۇندۇق 4:6 نىسبەتتە بۆلۈپ ياتقۇزۇش قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە 1.0Tلىق تىك تىزىلغان ئۈچ سىلىندىرلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 100 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 172 نيۇتون مېتىر، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان 0-100km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 10.1 سېكۇنت.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号