باش بەت

zefer

598يوللانما
34مەستانە

«سامسۇڭ ئېمپىرىيەسى» زادى قانچىلىك قۇدرەتلىك؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 17:39 28 ئىنكاس چۈشتى

سامسۇڭ شىركىتى تىلغا ئېلىنغاندا، كۆپچىلىك ئۇنى يانفون، سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، كىرالغۇ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى دەپ قارايدۇ، ئۇنداق ئويلىسىڭىز بەك گۆدەكلىك قىلغان بولىسىز، ئالدى بىلەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى.

سامسۇڭنىڭ دۇنيادىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، ھەر 100 كورىيەلىكنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى سامسۇڭنىڭ خىزمەتچىسى. يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىش سوممىسى ئىككى تىرىليون 600 مىليارددىن ئۈچ تىرىليونغىچە بولۇپ، كورېيەنىڭ پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي GDPسىنىڭ %25نى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر بۇنىمۇ ھېچقانداق قالتىس ھېس قىلمىسىڭىز، داۋاملىق تۆۋەنگە قاراڭ. 

1. سامسۇڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىكى، سالغان ھەر بىر ئىمارىتى شۇ دۆلەتنىڭ يەر بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ

سىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز، دۇبەي خەلىپە مۇنارى، كۇئالا لۇمپۇر جەۋزا مۇنارى، تەيبېي 101 بىناسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سامسۇڭ سالغان، دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەردىن سامسۇڭنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.

2. سامسۇڭ ئېغىر سانائىتى بىر ئايدا 10 مىڭ توننىلىق ساياھەت پاراخوتىدىن ئۈچنى ياسىيالايدۇ

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 10 مىڭ توننىلىق پاراخوتتىن ئۈچنى ياسايدۇ، بىر ئايدا بىر ئاۋىياماتكىنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارىچىلىك پاراخوت ياساپ چىقالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

3. سامسۇڭ ھەربىي سانائىتى: كورېيە دۆلەت مۇداپىئە قوراللىرىنىڭ ھەممىسىنى سامسۇڭ ياسىغان 

كورېيەنىڭ K-9 ئۆزى يۈرەر زەمبىرىكى

كورېيەنىڭ KDX-II  زېئۇس قالقىنى دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى

كورېيەنىڭ ئايروپىلانى، تانكىسى، زەمبىرىكى، ھەربىي پاراخوتىنىڭ ھەممىسىنى سامسۇڭ ياسىغان.

سامسۇڭ خىمىيە سانائىتى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ 

كورېيەلىكلەر ھەر كۈنى ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەردە ئاساسەن سامسۇڭنىڭ سايىسى بار.

سامسۇڭ يەنە مېھمانخانا ماگناتى، ھەتتا جوبىسمۇ سامسۇڭ مېھمانخانىسىدا تۇرۇپ باققان. 

كورېيەدىكى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك سامسۇڭ مەبلەغ سالغان.

بۇندىن باشقا سامسۇڭ ئىمپېرىيەسى يەنە نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ، مەسىلەن سۇغۇرتا، كىيىم-كېچەك، ئاپتوموبىل كەسپى قاتارلىقلار. سىز ئويلىيالىغانلىكى ساھەنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك سامسۇڭنىڭ سايىسى بار. ئەگەر سامسۇڭ تاقىلىپ قالسا، كورېيەنىڭ ئىقتىسادى ۋە دۆلەت كۈچى كېمىدە يىگىرمە يىل چېكىنىپ كېتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 138******592 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمدانداق قۇرۇق گەپ قىلسىلە سامسۇڭ ئالما دىگەن لەرنڭ بىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق دۆلىتىمىز شىركەتلىرى نڭ گېپىنى قىللى

  • ئاردىن كىلاسىن2 ئاي ئىلگىرى

    ئېسىل تىرشىڭلا يىڭى 8نوتې نى سېتىۋېپ بولدۇم

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ بەك باي شۇڭا نوت8 يانفونىڭلا بېشىڭلاردا پارتىلاپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق نوت7 ۋەقەسىگە ئوخشاش ئۇلار باي بولغاندىكىن تۆلەپ بېرىدۇ قوقماي ئىشلىتىۋېرىڭلا سامسۇڭچىلا……(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنى بۇش چاغلاشقا بۇلمايدۇ بۇلۇپمۇ ئېكران ساھەسىدە ھەمىنڭ ئالدىدا مەن ئەلمىغا قارغاندا سامسۇڭنى قۇلايمەن

  • بالاڭزا2 ئاي ئىلگىرى

    سىلەگە نېمە پايدىسى نېمە زىيىنى ئۆزۈڭلاچە بىر بىرڭلا بىلەن تىللىشىپ كۆڭۈل ئاغرىتقانچىلىك ئىش يوق بۇ يەدە قاراڭلا سىلە سېلشتۇرۇپ ئۈستۈن تۆۋەنلىك تالىشىۋاتقان شىركەتلە بىر ئوبدان ھەمكارلىشىپ سىلەنىڭ يانچۇقۇڭلادىكى پۇلۇڭلانى تۇيدۇرماي ئېپ كېتىۋاتىدۇ سىلەچۇ ھەي ئويلاپ بېقىڭلا مۇشۇ ئىككى شىركەت 10يىل بۇرۇن قانچىلىك ئىدى 20يىل بۇرۇنچۇ ئەمدى قانچىلىك زورىيىپ كېتىپتۇ لېكىن بىزچۇ يەنە شۇ 10يىل بۇرۇنقى ھالىتىمىزدە قىلچە ئىلگىرلەش يوق ئىلگىرلەش با دېگەندىمۇ مۇشۇ مۇشۇ غەيۋەت شىكايەتلىرىمىز ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قۇيۇپ جاھاننىڭ ئالدىدا

  • ئايپەد پرو2 ئاي ئىلگىرى

    ئەگەر ئالما شىركىتى ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى ئىشلەپ قالسا پەچەت ئىش بوپ كەتكۈدەك

  • ئالما2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي باللا بۇندا قىلىشىپ كەتمەلى ،،،،،،ئاخىرنى دىمىسەممۇ خەخلە نەچچە قېتىم دەپ بۇلغان گەپلە

  • ئالما2 ئاي ئىلگىرى

    مەن ساراڭ راسلام ساراڭكەنسىز

  • سەرگەردان ئوۋچى2 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە ئالما شىركىتى سامسۇڭ شىركىتى نىڭ ئونۋېرسال كۈچىگە يەتمەيدۇ

  • تەشۋىش2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە سامسۇڭنى ئالمىغا يىتەلمەيدۇ دىگەنلەرگە خىتاپ .كاللىڭىزنىڭ دەردى كۆپكەن، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号