باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

يەر شارىدا 3 مىليون 500 مىڭ بالا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالماقتا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:07 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

فىرانسىيە «ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «يەر شارىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك مۇساپىر بالا، يەنى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ بالا ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدى. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مۇساپىر بالىلارغا تېخىمۇ پۇرسەت، تېخىمۇ مۇقىم مائارىپ مەبلىغى بېرىشكە مۇراجىئەت قىلىمىز». 

بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى: «قالاقلىق: مۇساپىرلار مائارىپى كىرىزىسى»كەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ب  د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان 5 ياشتىن 17 ياشقىچە 6 مىليون 400 مىڭ بالىنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 500 مىڭ بالا بىر كۈنمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغانىكەن. 2016-يىلدىكى 3 مىليون 700 مىڭ بالىنىڭ مەكتەپ تەربىيەسى كۆرۈپ باقمىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017-يىلى ئازراق ياخشىلىنىش بولغان، بىراق مۇساپىر بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى ھېلىھەممۇ ناھايىتى كەسكىنكەن. 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ %91 باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن، بىراق مۇساپىر بالىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت %61 تىلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىكەن، بۇ سان 2015-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشقان بولسىمۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى %84 ياش-ئۆسمۈرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما مۇساپىر بالىلارنىڭ ئىچىدە ئاران %23 تىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى جىددىي باسقۇچتىن باشلاپ مەبلەغ بىلەن سىجىل تەمىنلەشكە ماقۇل قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇساپىر بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىدە ئازراق ياخشىلىنىش باركەن، بۇنىڭغا سۇرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇساپىر بالىلارنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى مۇساپىرلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىپتۇ. بىراق، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم مۇساپىر تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتتە ياشايدىكەن، ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى دۇنيانىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىدىن ئالتە ھەسسە تۆۋەنكەن. %28 مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇش پۇرسىتى بالىلارنىڭ نىسبىتى ئاران %9 كەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 136******006 كۈن ئىلگىرى

    يەنىلا دۆلىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ياخشى سىياسىتى دۇنيادا يەنە قەيەردە بار? ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنكى پەرزەنىتلىرى نىمە دىگەن بەخىتلىك…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号