باش بەت

ئادىلجان

5923يوللانما
34مەستانە

ئەقلىيفونلار ئەمدى ئومۇمىيۈزلۈك قىممەتلەيدۇ، مىڭ دوللارلىق iPhone پەقەتلا باشلىنىش

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 16:38 4 ئىنكاس چۈشتى

techweb تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى تاسادىپىيىلىق ئەمەس، ئەمما بۇ ئەھۋال ئەكس ئەتتۈرگەن مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۆۋەن باھادا ئىقتىدارى ياخشى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىلىشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى. ئەمما بۇلتۇردىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار كەسپىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ يانفون، كومپيۇتېر، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى ھەمدە ھازىرغا قەدەر ئۆرلىمەكتە. 

2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا مېيزۇ ئۆز قارمىقىدىكى Note 5 يانفونىنىڭ 16GBلىق ۋە 32GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى 100 يۈەن ئۆرلەتكەنلىكىنى جاكارلىغان، سەۋەبى BOMنىڭ تەننەرخى ئۆرلەپ كەتكەنىدى. (BOMنىڭ خەنزۇچە مەنىسى ماتېرىيال تىزىملىكى بولۇپ، ئادەتتە مەلۇم بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسى، ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپى قاتارلىقلارنىڭ بىرىكمىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.  BOM تىزىملىكى ئارقىلىق بىر يانفوننىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسىنىڭ تەننەرخ باھاسىنى ئېنىق بىلىشكە بولىدۇ، باشقا كەسىپلەردە BOM ئاساسەن سىرتقا ئېلان قىلىنمايدۇ.) ئارقىدىن لىيەنشىياڭ، شىياۋمى، مېيزۇ، لېشى، جىنلى قاتارلىقلار سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەنلىكىنى جاكارلىدى، مەھسۇلات باھاسى تەخمىنەن 100 يۈەن ئەتراپىدا ئۆرلىدى. 

يانفون باھاسىنىڭ ئۆرلىشى خېلى بورۇنلا باشلانغان بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچ قىس بولۇش مەسىلسى 2016-يىلىدىلا كۆرۈنەرلىك مەسىلىگە ئايلانغان. 

بۇلتۇردىن باشلاپ ئىچكى ساقلىغۇچ، SSDلارنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، 8GB لىق DDR4ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ باھاسى ئەڭ دەسلەپكى 200 يۈەندىن ھازىر 500 نەچچە يۈەنگە ئۆرلىدى. ئەڭ دەسلەپ ھەرقايسى Flash كارتا زاۋۇتلىرى چاقماق ساقىلغۇچنى ئالدىن يانفونلارغا تەمىنلەپ بەرگەن، شۇڭا يانفون كەسپى ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانىدى، 2017-يىلىغا كەلگەندە يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان ئېھتىياجى زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، Flash كارتا زاۋۇتلىرى باھاسىنى ئۆرلىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بېسىمنى ئازايتتى. 

چۈنلىيەن ئېلېكترونىنىڭ باش لىدېرى پەن جىيەنچېڭ ئىلگىرى ھەرقانداق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات چاقماق ساقلىغۇچقا تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا چاقماق ساقلىغۇچ تەمىنلەش قىس بولۇش مەسىلىسى پەقەت يانفون ۋە PC كەسپىدىلا گەۋدىلىك بولۇپلا قالماي يەنە ئاپتوموبىل، دوختۇرخانا، مائارىپ، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كەسىپلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەمىنجان6 كۈن ئىلگىرى

    ۋاقتى ئۆتسە ھەممە نەرسە ئەرزانلىشىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتنىڭ قىممەت بۇلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە

  • بىكارچى6 كۈن ئىلگىرى

    ھازىر ياسىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىلىكىتېر ئۈسكۈنلىرىنىڭ ھەممىسدە مۇئەييەن ساقلىغۇچقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ ، مەسلەن ئاددى مىسال ھازىرقى ئائىلىەردە ئىشلىتۋاتقان سۇ سائىتى بۇرۇنقى سۇ سائىتى پەقەت سۇنىڭ سائەتتىن ئۆتكەن سۇ ئىقى چىشلىق چاقلارنى ئايلاندۇرۇپ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ھىسابلاپ چىقسا باشقۇرغۇچى كىلىپ كۆرۈپ ئاندىن سۇپۇلى ھىسابلايتى ،لىكىن ھازىرقى سۇ سائىتى ئىلىكتىرۇنلىق ھىسابلاپ سۇ سائىتىدىن ئۆتكەن سۇ ئىقىمى بىلەن قاچلانغان پۇلنى ھىسابلاپ خوراپ ماڭىدۇ ،تۇرمۇشتا بىز ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن بۇيۇملار مۇشۇنداق ئاپتۇماتىكلاشقان ھەرقانداق ئۈسكىنگە ساقلىغۇچ لازىم بولىدۇ ،شۇڭا ئۆسىدۇ ،دۆلىتىمىز بۇ ساھەدە خىلى ئالدىد.

  • مېھمان6 كۈن ئىلگىرى

    چۈنكى يۇقۇرى باھانىمۇ ئالما باشلاپ بەردى ئەمەسمۇ

  • GILA6 كۈن ئىلگىرى

    قۇرۇق گەپ ھازىر ھەممە نەرسىلەر ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ يىمەك ئىچمەك كىيىم كېچەك تۇرالغۇدىن باشقا نەرسىلەر گە كىشىلەر تۇيۇنۇپ بولدى
    ھازىر داۋاملىق باھاسى تۈۋەنگە قاراپ ئۆسىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号