باش بەت

نۇسرەتگۈل

7740يوللانما
110مەستانە

ھۆكۈمەتنىڭ كارى بولمىغانلىقتىن ھىندىستان پايتەختى ئەخلەت بىلەن كۆمۈلۈپ قالايلا دېدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 15:39 13 ئىنكاس چۈشتى

گۇاڭمىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئادۋوكات ئەفروز شاھ (Afroz Shah) بىر ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بومبايغا كەلدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى جىمجىت ۋە كۆپكۆك ئەرەب دېڭىزىنى كۆرۈش ئىدى. بىراق، نەتىجە ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ھەممىلا جايدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان ئەخلەتلەرنى ئۇچراتقان، دېڭىز دولقۇنىدا سۇلياۋ خالتا دېگەندەك ھەرخىل ئەخلەتلەر لەيلەپ يۈرگەنلىكى، دېڭىز ساھىللىرىنىڭ قېلىن بىر قەۋەت ئىچىملىك قۇتىسى ۋە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئوراش قەغەزلىرى بىلەن تولۇپ، بىر ئەخلەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. 

34 ياشلىق ئەفروز: «ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ھەممىلا يېرى ئەخلەت بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇمكىن بولمىغۇدەك. مەن ئەسلىدە سوت مەھكىمىسىگە ياكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئەرز قىلساممۇ بولاتتى» دېدى. بىراق، ئۇ بۇ ئەھۋالنى ئۆز قولى بىلەن ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئۇ بىر قوشنىسى بىلەن بومبايدىكى ۋېرسوۋا (Versova) دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ، پەلەي كىيىپ، ماسكا تاقاپ ئەخلەت تېرىشنى باشلىدى. بارا-بارا پىدائىيلار ۋە باشقا ساياھەتچىلەرمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. ھەپتە ئاخىرىدىكى 98 قېتىملىقدەم ئېلىشىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئۇلار 5 مىليون كىلوگرامدىن كۆپرەك ئەخلەت تەردى.

بىر مۇھىت ئاسراش تەشەببۇسچىسى ھىندىستاننىڭ ئەخلەت مەسىلىسىنى بىر «قەرەللىك بومبا» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستان شەھەر-بازارلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ناۋادا ھىندىستاندىكى 1 مىليارد 300 مىليون ئادەم قالايمىقان ئەخلەت تاشلاشنى توختاتسا ئەلۋەتتە بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. باش شىتابى يېڭى دېھلىغا جايلاشقان، مۇھىت تەتقىقاتى ۋە ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى چىترا (Chitra Mukherjee) بۇ دۆلەتنىڭ ئەخلەتكە كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى پەرەز قىلىپ ھەر كۈنى ھەر بىر ھىندىستانلىقنىڭ تەخمىنەن 600-200 گىرام ئەخلەت ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، بۇ ئەخلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئاخىرىدا بۇ دۆلەتنىڭ ئورمانلىقلىرى، باغچىسى، كوچا-كويلىرى، دەريا ئېقىنلىرى ياكى ئەتراپتىكى دېڭىز-ئوكيانلارغا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چىترا: «پۇقرالار چوقۇم بۇنىڭ بىر ئىسراپچىلىق ئىكەنلىكى، ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېدى. 2014-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى «ھىندىستاننى پاكىزلاش بۇرچى» تۈرى ئارقىلىق ھىندىستانلىقلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەتتا زۇڭلى مودى يەر سۈپۈرۈپ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتى.

بىراق، 3 يىلدىن كېيىن مۇھىتتا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولماي، ئەكسىچە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى. كىشىلەر ئەخلەتلەرنى ئاۋۋالقىدەدكلا سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ دېڭىزغا، كوچىلارغا تاشلىدى. بۇ ئەھۋال ئەفروز ۋە باشقا پىدائىيلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. ھىندىستاندا قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتتىكىلەر ھەر كۈنى ھىندىستان پايتەختىدە چىقىرىلىدىغان 15 مىڭ 500 توننا ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان يېتەرلىك پىدائىي تېپىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ناكۇل يېڭى دېھلىدىكى 3 ئەخلەت كۆمۈش مەيدانىنىڭ ئاللىبۇرۇن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گەرچە يېڭى دېھلىدا ياشايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىشقا خېلى ئاكتىپ مۇئامىلە تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقتى. «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا تۈرگە ئايرىلمىغان ئەخلەتلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ھىندىستانلىق ۋىنېتا (Vineeta Joshi): «بىز دائىم ئۆيىمىزدىكى قەغەز، سۇلياۋ ۋە باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئوخشاش بولمىغان ئەخلەت ساۇندۇقلىرىغا تاشلاپ مۇھىت ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشنى ئويلايمىز. بىراق، ھۆكۈمەت بىزنى بۇنداق پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكتىن ئامالسىز ھەممە ئەخلەتنى بىر قىلىپ تاشلاۋاتىمىز» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەي2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا بۇ دۆلەتكە ھايۋانىستان دەپ ئىسىم قويغان ئەمەسمۇ، بەكلا قاملىشىدۇ.

  • ،1382 ئاي ئىلگىرى

    مەينەت قاسماق ھندىلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئشەلەشتۈرۈپ

  • مىھمان بىز2 ئاي ئىلگىرى

    زۇڭلىسى سۈپۈرگىنى ئالغان بولسا ئۇلار تازلىق ئىشچىسى يوقمۇ ھەل قىپ كەتكىدەك تىخى تۈرگە ئايرىپ پايدىلانغىدەك ھىندىستان

  • ŞAŞ2 ئاي ئىلگىرى

    نوپوسى كۆپ بولغان ھىندىستاندا ھازىردىن باشلاپ ، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش توغرىسىدا نۇرغۇن پىدائى بارلىققا كىلىپ، دۆلەتكە بىسىم قىپتۇ. ئۇزۇنغا بارماي بۇ دۆلەت قۇدرەت تاپقۇدەك.بىز ھازىر ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش توغرىسىدا ئويلانمىدۇق.ئەينەك پارچىسى بىلەن تاۋۇز شاپىقىنى،كۆكتات شوپىگى بىلەن كۆمۈر شاخاسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەخلەت قاتارىدا تاشلاۋاتىمىز.تەرەققىيات ئالدىن ئويلانغان،ئېزدەنگەنلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئىدىقۇت2 ئاي ئىلگىرى

    ھۇ قاسماقلار شۇ ھالىغا باقماي دۆلىتىمىز بىلەن سېلىشتۇرىدۇ تىخى ئۆزىنى

  • ئەنۋەر ئەركىن2 ئاي ئىلگىرى

    يەر شارىغا مۇھىتىغا ھاقارەت قىلغان ھەرقانداق دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.ھىندىستان چوقۇم ۋەيرانچىلىققا قاراپ ماڭىدۇ.

  • ئەنجىلىنا جۇلى2 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستاندا ساياھەتكە بارغان بىر دوستۇم ماڭا ھىندىستاندا تۇرغان بىركۈنى شورپا سىلىپ ئىچەي دەپ قاسساپنىڭ ئالدىغا بىرىپتىكەن گۆشكە ئولىشىپ كەتكەن چىۋىن دەستىدىن گۆشنى كۆرگىلىمۇ بولماپتۇ شۇنىڭ بىلەن گۆش ئىلىش نىيىتىدىن يىنىپ قايتىپ كەپتىكەن شۇنچىلىك ھىندىستان باللا ئۆز ئىغىزىدىن ئاڭلىغان مەن

  • ئەنجىلىنا جۇلى2 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا بۇ ھىندىلار لوندون ،بىلگىيە ،ئامىستىردام ،تۇركىيە،پارىژ قاتارلىق جايلاردا كىنو ئىشلەشكە ئامراق

  • گۈزەل2 ئاي ئىلگىرى

    بەزىدە مۇشۇ ھىندىستاننىڭ چولپانلىرى بىرلىككە كىلىپ مۇشۇ شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تەشۋىقاتنى كۈچەيتسە دەپ ئويلاپ قالمەن ئوزى ئوزى قولسىلىپ تەشۋىق قىلسا مىنىڭچە چۇقۇم ئۈنۈمىنى كورەتتى ،

  • 189******882 ئاي ئىلگىرى

    ھەربىي چىقىمغا مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سالغۇچە تەلۋېدەك، مۇشۇنداق مەسىللەرنى ئوڭشىسا بوممدۇ بۇ خەق ، ھىندىستاننىڭ سەلبىي خەۋېرى كۆپلەپ بېرىلىدىغان بوپ قالدىغۇ تۇرۇپلا…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号