باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

9468يوللانما
645مەستانە

قاراماي پەسىل قۇشلىرىنى جەلپ قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:36 0 ئىنكاس چۈشتى

10-سېنتەبىر، قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى سۇمۇرۇغ كۆلىدە چايكىلار ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا.

ئالتۇن كۈز ئايلىرى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئىللىق ماكان جەنۇبقا كۆچىدىغان پەسلى. سېنتەبىر كىرىشى بىلەن، كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان ھەر خىل قۇشلار قارامايدىكى سۇلۇ يەرلەرگە قونۇپ، بىر نەچچە كۈن كۆڭۈللۈك سەيلە قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىنلۇڭ كۆلى، قىزىلتاغ كۆلى، گۇخەي قاتارلىق سەيلىگاھلار ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ھەر خىل پەسىل قۇشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، توپ-توپ بولۇشقان پەسىل قۇشلىرى ھەر جايدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئاسايىشلىققا تولغان كۈز پەسلىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

قاراماي شەھىرى يېقىنقى يىللادا يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى ۋە بىر تۈركۈم سۇلۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاراماي شەھىرىدە دەريا ئېقىنى، سۇلۇ يەر، كۆل ۋە ئورمان ئېكولوگىيەسى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن ئەندىزە ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 

(تەڭرىتاغ تورى، مىن يۇڭ فوتوسى)

مەنبە:

http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/13/content_619129.htm?lang=uy




باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号