باش بەت

ئابدۇجېلىل سەمەت

73يوللانما
0مەستانە

گۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار تاشلىققا چىقىۋالغان قارام ساياھەتچىلەر

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:30 1 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 12–سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6–ئايدا دورسىت غەربىي ساھىلىدىكى قىيالىقتا ناھايىتى قورقۇنچلۇق گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2000 توننىچە كېلىدىغان قورام تاشلار قىيادىن سىيرىلىپ چۈشكەن. شۇ ئىشتىن كېيىن، ساقچى تەرەپ ساياھەتچىلەرنى قىيالىقتىن يىراقراق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، قىيا ئۈستىگە چىقىش ۋە رەسىمگە چۈشۈشنى ئېنىق بەلگىلىمە بىلەن چەكلىگەن. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەي، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋېرىدىغان كىشىلەر بولىدىكەن.

بەزىلەر بۇ ساھىلدا ئويناۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەرنىڭ چەكلىمىگە پەرۋا قىلماي تاش چۈشكەن يەرگە بارغىنىنى ۋە دۆۋىنىڭ ئۈستىگە چىققىنىنى كۆرگەن. ئارىلىقتا كىشىلەر ئۇنى ئەسكەرتىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ئاڭلىماي مېڭىۋەرگەن.

رەسىمدە ئەر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرغان يېرى ناھايىتى بوش.

ساقچى تەرەپ بۇ يەردە ھەر ۋاقىت گۈمۈرۈلۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساياھەتچىلەرنى يېقىن بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ساقچى تەرەپ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «بىز قىيالىق چىڭ ئەمەس، يەنە تاش چۈشۈشى مۇمكىن دەپ ساياھەتچىلەرگە ئەسكەرتىپ تۇردۇق. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، قىياغا يېقىن بارماسلىقى ۋە ئۈستىگە چىقماسلىقىنى سورايمىز.»

شۇغىنىسى، رەسىمدە مەنزىرە ۋە ھايان قوغلىشىپ جاننى تىكىدىغان ساياھەتچىلەر يەنە باركەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • تىلسىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەخمەقنى توسماڭ ، ھارغاندا توختايدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号