باش بەت

zefer

612يوللانما
35مەستانە

ئالما iPhone X ئەمەلىي يانفونىنى ئىشلەتكەندىكى تۇنجى تەسىرات

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:30 27 ئىنكاس چۈشتى

نۇرغۇن تاراتقۇلار مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن iPhone X نى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشتى، X iPhone نىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغان، بولۇپمۇ OLED ئېكران بىلەن Face ID. ئۇنداقتا، بىز سۈرەت ئارقىلىق iPhone X نىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

iPhone X قا پۈتۈن ئەينەكلىك لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى پارقىراق قارا رەڭلىك iPhone 7 Plus نىڭ بارماق ئىزى يىغقۇچ دەپ ئاتالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ جەھەتتە iPhone X كۆپ ياخشىلىنىپتۇ.

iPhone X قا نۇرغۇن يېڭى لايىھە ئامىللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، شۇڭا ئۇنى تۇتقاندىكى تۇيغۇ بۇرۇنقى iPhone لارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن، بەلكىم بىر مەزگىل سەرپ قىلىپ كۈنۈشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone X تا ئەينى يىللاردىكى iPhone 4 نى ئىشلەتكەندىكى ھېسسىيات بار بولۇپ، تۇنجى سۆيگۈنى ئەسلىتەرمىش.

ئىگىلىنىشىچە، iPhone X دىكى ئەينەك بىلەن داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئارا رامكا ناھايىتى زىچ جىپسىلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېگراسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلىمۇ بولمايدىكەن، بۇ ئالمىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلاردىكى پوزىتسىيەسى ۋە تاكامۇللاشقان ھۈنەر-سەنئىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئۇنداقتا Face ID چۇ؟ ئۇنىڭ ئىنكاسى يەنىلا ناھايىتى تېز بولۇپ، ئاز بولمىغان تاراتقۇلار ئۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن Face ID ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئىقتىدار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىدا، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مىساللارغا قارىشىمىز كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، Face ID نى ئىشلەتكەندە، iPhone X نى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت نورمال كۆرۈش قىياپىتىنى ساقلىغاندىلا، قۇلۇپنى ئاچقىلى بولىدىكەن.

iPhone Xنىڭ سىزگە قالدۇرغان تۇنجى تەسىرى قانداق بولدى؟

Home كۇنۇپكىسى يوق ئەھۋالدا iPhone Xدا قانداق مەشغۇلات قىلىمىز؟ ئەگەر iPhone X قا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ ئەھۋاللارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز داۋاملىق نۇر تورىدىكى iPhone Xقا ئالاقىدار خەۋەرلەردە بولسۇن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    ياۋايى ئادەم بۇ ئالما شېركىتى خېرىدارلارنى بەك ئەخمەق قىلۋاتامدۇ قانداق ئەھۋالىڭىزX ئالاي دىسەم يەنە بىر ئاي ساقلاش كېرەككەن8PULSنى ئالاي دىسەن ھازىر ئشلىتىۋاتقان7pulsبىلەن ھىچقانداق پەرقى يوق قاچانمۇ كىلەر يىلى11ئاي كۆزۈم تىشىلەي دىدى ساقلاپ

  • ئەرۋاھ2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭچىلار نوت7 گە ئوخشاش پارتىلاپ كەتمەڭلا ئەمدى بولدى بەس … زادى كۆرەلمەيسىلەدە بىرە يېڭىلىق چىقسىلا ئەڭ ئاۋال سۆكۈشنى ئويلايدىكەنسىلە جىق سۆزلىگۈم يوق

  • 153******552 ئاي ئىلگىرى

    قارغانسىرى ئاندىرويىدقا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ،ئالمىنىڭ خاسلىقى قالمايۋاتىدۇ،جۇمۇ!

  • سەركەردە2 ئاي ئىلگىرى

    مۇزدۇزنىڭ پۇلى گۆشكە ئەمراق قاسساپنىڭ قۇيى يوق پۇلغا ئامراق دەپ تەشۋىقاتنى كۇرۇپسىلە قىنى شۇ سامسۇڭ قېنى شۇ ئالما ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھېچكىم بىلمەيدۇ قايسى ياخشى قايسى ناچار پۇلۇڭلا جىق بولسا ئىكىلىسنى ئېلىپ سىناپ بېقىڭلا

  • ئويلان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ تىخنىكسى بىلەن خىلى سۈپەتكە كردى بۇ ئالما ،ئالمىنىڭ چىككسىدىكى OLEDئېكران دەل سامسۇڭ ئىشلەپ چىقارغان ،

  • بىكارچى2 ئاي ئىلگىرى

    تىخنىكىدا ئالمىغا يەتمەيدۇ ھىچقايسى ،سىز داڭلاۋاتقان ئاشۇ ئاندىروئىد سىستىملىق تىلفۇنلارنىڭ ھەممىسى گوگىلى شىركىتىنىڭ سىستىمىسى ،شۇڭا بەك پو ئىتىپ كەتمەي ئاندىروئىتچىلار پىشاننى سىلاپ بىقىپ گەپ قىلنى

  • بەگزاد2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭدىكى يېڭىلىق سامسۇڭ تەمىنلىگەن OLED ئېكراندىنلا ئىبارەت ، باشقا خىشقانداق يېڭىلىق يوق بۇنى يەنىلا iphone كىسەك دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق كەگۈدەك قاندا دىمدىم باللو ، ئالمىچىلا سىلە سامسۇڭغا رەخمەت دىسەڭلا بوغدەك

  • ℜ࿆oཽ࿆Ꮍ࿆å࿆Ꮮ࿆2 ئاي ئىلگىرى

    بولىدىغان تېلپۇنكەن بۇ ئالما x

  • پەخرى2 ئاي ئىلگىرى

    مەسىلە كىنو كۆرگەندە ئاۋۇ مەڭلىيى ئېكراننىڭ ئازراق قىسمىنى توسۇۋالىدىكەن

  • رايلۇز2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق تىلفۇن ئاسانلا چىقىلىپ كىتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىلىپ كەتسە ئىكران سەپلىمەك تىخى قىممەت بۇلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号