باش بەت

ئىرپان

2031يوللانما
60مەستانە

كىيا Stonic ئاپتوموبىلى فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:50 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 13-سېنتەبر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىللىق فرانكىفورت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئېچىلدى، كىيا Stonic ئاپتوموبىلى رەسىمىي نامايان بولدى، بۇ ئەڭ يېڭى كىچىك تىپتىكى SUV خىيۇنداينىڭ KONA بىلەن ئوخشاش سۇپىسىدا ياسالغان.

يەنىلا جەمەتلەشكەن ھۆركىرەش شەكلىدىكى ھاۋا كىرىش سالاسۇنى سەپلەنگەن، خىروم يالىتىلغان بېزەك بىلەن زىننەتلەنگەن، ماشىنا گەۋدىسىگە قوش رەڭلىك سىر بېرىلگەن، يان تەرىپىگە قارا رەڭلىك ئورالما ۋە كۈمۈش رەڭلىك ئاستى قوغداش تاختىسى سەپلەنگەن.

ئىچكى بېزەكتە قېنىق رەڭنى ئاساس سېرىق رەڭنى گىرۋەك قىلىش شەكلى قوللىنىلغان، مەركىزىي كونترول سۇپىسىنىڭ قەۋەت تۇيغۇسى نىسبەتەن كۈچلۈك، لەيلىمە شەكىلدىكى مەركىزىي كونترول ئېكرانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر خىل فىزىكىلىق كۇنۇپكىلار بار، ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، پىيادىلەرنى كۆزىتىدىغان جىددىي تورمۇز سىستېمىسى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.

1.0Tلىق ئۈچ سىلىندىرلىق 1.25L/1.4T بېنزىن ماتور سەپلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 1.6Tلىق دىزېل ماتور تەمىنلىنىدۇ، 1.0T ئۈچ سىلىندىرلىق بېنزىن ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 118 ئات كۈچىگە يېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号