باش بەت

ئەخمەتجان مۇتەللىپ

2694يوللانما
19مەستانە

ھىلارى: 2016-يىلدىكى سايلام نەتىجىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم، 2020-يىلدىكى سايلامغا قاتناشمايمەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 13:09 4 ئىنكاس چۈشتى

 

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئامېرىكىنىڭ «سابىق 1-خانىمى»، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدىغان كىتابى «نېمىشقا مەغلۇپ بولدۇم» نى تەشۋىق قىلماقتا. ئۇ، 10-سېنتەبىر ئامېرىكا «كولومبىيە رادىيو شىركىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇرقى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇش كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە سايلام نەتىجىسىدىن ناھايىتى «كۆڭلى يېرىم بولغانلىقى» نى ئېيتتى. 

ھىلارى شۇ كۈنى نىيويوركنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئۆيىدە «كولومبىيە رادىيو شىركىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ زىيارەتتە مۇنداق دېگەن: «بۇلتۇرقى چوڭ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى رەقىبىم دونالد تىرامپقا ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكىم مېنى ھازىرغىچە قىيناپ كەلدى، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. مەن مەغلۇپ بولۇش نۇتۇقىغا ئەمەس، بەلكى غەلىبە نۇتۇقىغا تەييارلىق قىلغانىدىم، بىراق ئويلىمىغان يەردىن سايلامدا مەغلۇپ بولدۇم». 

ئۇ يەنە: «شەخسىي مۇلازىمىتېر بىلەن مەخپىي ئېلخەت ھۆججىتىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىم، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان چاغدا سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقىم بولۇپ قالدى» دېگەن. 

«مېنىڭچە، ئەڭ چوڭ خاتالىقىم شەخسىي ئېلخەت ھۆججىتى ئىشلەتكەنلىك. مەن بۇنى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكەن، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم دەپ ئۆتەي، ئەينى چاغدىكى ئىشنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى. بۇ ئىشنىڭ پاسسىپ شەكىلدە تارقىلىشى مېنى بۈگۈنگىچە قىيناپ كەلدى، مەن بۇنىڭ ئازابىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمەن» دېدى. 

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى باشلىقى جامېس كومى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاشقا پەقەت 11 كۈن قالغاندا، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ھىلارىنىڭ «ئېلخەت سەتچىلىكى» نى تەكشۈرۈشنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بېلەت تاشلاشقا ئىككى كۈن قالغاندا، كومى يەنە: «دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھىلارىنى ئەرز قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق» دېگەن. ھىلارى بۇنى ئۆزىنىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇشىدىكى ھالقىلىق سەۋەب دەپ قارىغان. 

ھىلارى يەنە، ئۆزىنىڭ سايلامدىكى ئاساسىي كۆز قارىشىنىڭ ئاممىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ماس كەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 

«ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى ماڭا ئايان. مېنىڭچە، مېنىڭ شۇ چاغدىكى مەسئۇلىيىتىم ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش ئىدى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇش ئەمەستى. بىراق مەن خاتا قىلدىم، كىشىلەر مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتى. مەن مۇشۇ جەھەتتە بولسىمۇ تېخىمۇ ياخشى قىلىشىم كېرەكتى، ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمىدىم» دېدى، ھىلارى ئەپسۇسلىنىپ. 

بۇ، ھىلارىنىڭ يېڭى كىتابىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «نېمىشقا مەغلۇپ بولدۇم» دېگەن كىتاب بۈگۈن تارقىتىلىدىكەن. يېڭى كىتابنىڭ ئۈزۈندىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىلارى چوڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما تىغ ئۇچىنى باشقىلارغا قاراتقان جايلارمۇ باركەن، بۇلار كومى، سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما، ئۆزىنىڭ سايلام ياردەمچىسى، سابىق زۇڭتۇڭ بايدىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ :«چوڭ سايلامدا كۆپلىگەن مۇھىم ھالقىلارنى مەن ئەمەس بەلكى ئۇلار كونترول قىلدى» دېگەن. 

بۇ يىل 69 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان ھىلارى زىيارەتتە يەنە: «زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇشى مەندەك مومايغا ئەمدى ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، 2020-يىلدىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىغا قاتناشمايمەن» دېگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەخرىمان6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئايال ھەقىقەتەن ئقتىدارلىق ئايالتى قانداق بوپ تىرامپ چىقىپ قالدى

  • eynek6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمما بۇ ئايال تىرامىپتىن كۆپ ئىقتىدارلىق ئىدى ئەفسۇس،،،،

  • خوتەنلىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    بولدى ھىلارى خانىم ئەمدى ئارام ئېلىڭ

  • ........1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ بۇنداق ئۆكۈنۈش خەۋىرىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، ماۋۇ ھېلىمخان قىزچاققا بەك ئېغىر كەلدىمۇ قانداق؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号