باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 24–،25–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 160 پارچىسى بېجىرىلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

  ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9–ئاينىڭ 12–كۈنىگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 24-تۈركۈمدىكى 76 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەممىسى بېجىرىلگەن، 25–تۈركۈمدىكى 87 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 84 پارچىسى بېجىرىلىپ، ئىككى تۈركۈمدە بېجىرىلگەن ئەرزىيەت خېتى 160 پارچىگە يەتكەن.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 24–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 76 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 41 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 6 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 4 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ 1 پارچىدىن بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك 1 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بىرلىكتە بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 24 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 23 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە بولغان.

 رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 25–تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 84 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 35 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 10 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 8 پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 6 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ 5 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 1 پارچە بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك 1 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بىرلىكتە بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 26 پارچە، شاۋقۇن ۋە چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى 20 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 19 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 11 پارچە، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، باشقا تۈرلەرگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە بولغان.

 ئۇقۇشىمچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 25 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1653 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1648 پارچىسى بېجىرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1491 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 157 پارچە ئىكەن. ئەرزىيەت خەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش جەريانىدا 1221 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 399 كارخانىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 31 مىليون 733 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 20 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، 3 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 135 كىشى سۆھبەتكە چاقىرىتىلغان، 808 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn)دە ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/13/content_619193.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号