باش بەت

خەۋەرلەر

3275يوللانما
18مەستانە

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى تارقاتتى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 12:59 0 ئىنكاس چۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 9–ئاينىڭ 12–كۈنى تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9–ئاينىڭ 12–كۈنى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››نى تارقاتتى. پىكىردە 2020–يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەمىنلەش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۈپەت ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 يېتەكچى پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مەركىزىي ۋەزىپە. سۈپەتنى 1–ئورۇنغا قويىدىغان قىممەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

 مەھسۇلات، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈپەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئىستېمالدا دوستانە بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كېرەك، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت ۋە ئەلا مۇلازىمەتنىڭ تەمىنلەشتىكى نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇشچىلىقى، جۇڭگو مۇلازىمىتى، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش كېرەك.

 كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك، ئەنئەنىۋى، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تېخنىكا، ماھارەت، بىلىم قاتارلىقلار مۇھىم ئامىل قىلىنغان سۈپەت رىقابەت تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، سۈپەت، ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 رايونلارنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. رايونلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ خاس بايلىقى، مۇھىت سىغىمچانلىقى ۋە كەسىپ ئاساسى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسىپلەرنى دەرىجىمۇ دەرىجە يۆتكەش بىلەن سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىدا ئالاقە راۋانلاشقان ۋە پەرقلىق راۋاجلانغان ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

 دۆلەتنىڭ سۈپەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈمى، ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ھېسابلاش، ئۆلچەم، تەكشۈرۈش–ئۆلچەش، ئىسپات بېرىش، ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق سۈپەت ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى، تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك، پەن–تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى تۈزەش، تاشقى ئالاقىنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-09/13/content_619195.htm

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号